«پۇت ئىسسىماسلىق» دېگەن نېمە؟
بىز دائىم دەيدىغان «پۇت ئىسسىماسلىق» ئەمەلىيەتتە تىز بوغۇم سۆڭىكى خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى بولۇپ، تىز بوغۇمىدىكى چېكىنىش خاراكتېرلىك بىر خىل كېسەللىك. ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئىپادىسى: تىز بوغۇمى ئاغرىش، ئىششىش ھەم ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش، ئاساسلىق پاتولوگىيەلىك ئىپادىسى: تىز بوغۇمى كۆمۈرچىكىنىڭ تالالىشىشى، ئۇپرىشى، سويۇلۇشى قاتارلىقلار ۋە بۇلارغا سىلىق پەردىگە قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق ۋە سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
تىز سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، تىز بوغۇمىدا تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن:
1. ئۇزاق مۇددەت قايتا- قايتا ئاغرىش، ھەرىكەتتىن كېيىن ئېغىرلىشىپ كېتىش، دەم ئالغاندىن كېيىن ئاغرىق يېنىكلەش.
2. مېڭىش قولايسىزلىشىش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش قىيىن بولۇش ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇش ناھايىتى قىيىن بولۇش، پەلەمپەيدىن چىقىش- چۈشۈشتە ئاغرىش روشەن بولۇش ياكى تۇيۇقسىز ھەرىكەت قىلغاندا سانجىپ ئاغرىش يۈز بېرىش.
3. بىر قىسىم ئاغرىقلاردا يەنە ئاتالمىش «سەھەردە قېتىپ قېلىش» ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، پۇت- قوللار دائىم ھەرىكەتلىنەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال يەنە ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇشتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ، لېكىن ئادەتتە يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
4. بوغۇمنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە دائىم «قاراس- قۇرۇس» قىلغان ئاۋاز چىقىدۇ، ھەتتا يول ماڭغاندا «پۇت يۇمشاق بولۇپ قالىدىغان» ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. سوغۇق ئۆتۈپ قالغان، ھاۋا ئۆزگەرگەندە ياكى نەملىك ئېشىپ كەتكەندە ۋە ياكى سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىدۇ، مانا بۇ «پۇت ئىسسىمايدۇ» دېگەن گەپنىڭ مەنبەسى.
5. ئېغىر بولغاندا پۇت مۇسكۇللىرى يىگىلەيدۇ. يەنە بوغۇملارغا سۇ يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن سىلىق پەردە ياللۇغى پەيدا بولۇپ، بوغۇملارنىڭ ئىششىپ قېلىشىنى قوزغايدۇ.
6. بوغۇم ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە تەدرىجىي تىز بوغۇمىنى تۈزلىيەلمەسلىك ھەم ئېگەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن ئاغرىقلاردا يەنە روشەن ھالدا «جەگەن پۇت» ياكى «X شەكىللىك پۇت» پەيدا بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن «پۇتى ئىسسىمايدىغان» بولۇپ قالىدۇ؟
«پۇت ئىسسىماسلىق»، يەنى تىز بوغۇم ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك:
1. ياش ئامىلى: تىز بوغۇمى سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ، بوغۇم كۆمۈرچىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.
2. بەدەن ئېغىرلىقى ئامىلى: بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تىز بوغۇمىنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىشى تەكشى بولماسلىق، بوغۇمنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىش، ئاسانلا شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. كەسىپ ئامىلى: بەزى ئالاھىدە كەسپىي خادىملارمۇ ئاسانلا تىز بوغۇمى سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ، مەسىلەن، جىسمانىي ئەمگەكچى، كەسپىي تەنھەرىكەتچى قاتارلىقلار.
4. قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىك: مەسىلەن، سۆڭەك شالاڭلىشىش، دىئابېت، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلار.
5. تاشقى زەخىم ئامىلى: تاشقى زەخىم، ئوپېراتسىيە ياكى باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆمۈرچەكنىڭ بۇزۇلۇشى ياكى بوغۇم قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى.
گەرچە سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كۈزلۈك ئىشتان كىيمەسلىكنىڭ بوغۇم ياللۇغى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق.
(داۋامى بار)