كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىبىئارام بولغاندا، دورا ساندۇقىدىن بىرنەچچە تال زۇكام دورىسى ياكى ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئېلىپ يېيىشكە، ھەتتا بىرنەچچە تالنى ئارتۇق يەۋېلىشكە ئادەتلەنگەن؛ يەنە بەزى كىشىلەر ساغلاملىققا قارىغۇلارچە ئىنتىلىپ، شامالغا ئەگىشىپ ھەر خىل ساغلاملىق بۇيۇملىرى ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىلىرىنى يەيدۇ؛ ياكى غەيرىي رەسمىي رېتسىپلارغا ئىشىنىپ، ھەر خىل جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى قاينىتىپ ئىچىدۇ... قارىماققا ئىنتايىن ئادەتتىكىچە بولغان بۇ ئىشلارنىڭ كەينىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپىيەنى، دورا مەنبەلىك جىگەر زەخىملىنىش يوشۇرۇنغان.