ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتىدە «باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش كېسەل تۈرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە سىياسەت يەشمىسى ئېلان قىلىندى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شىنجاڭدا ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە ئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش كېسەلتۈرى بەش خىلدىن ئون خىلغا كۆپەيدى. 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بارلىق بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلار داۋالىنىدىغان جاي سۈپىتىدە سوزۇلۇشچان توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، رېماتىزملىقبوغۇم ياللۇغى، تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، قېتىپ قېلىش خاراكتېرلىك ئومۇرتقا ياللۇغى قاتارلىق بەش خىل ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك داۋالاش خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچەئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنىبىۋاسىتە راسچوت قىلىشتا،ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغانمەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كېسەللىك تۈرى نامى ۋە كودى ئىشلىتىلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدا مۇناسىپ ئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىدىغان تەمىناتى بولسا، كېسەللىك تۈرى كودىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچەئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا مەدەت بېرىلىپ ھەم ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش بويىچە پەرقلىق راسچوت قىلىش، ئاتچوت قىلىش سىياسىتى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، فوندنىڭ بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىشتە مۇناسىپ تەمىناتى بولمىسا، بەلگىلىمە بويىچە ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ، داۋالىنىدىغان جاينىڭ مۇندەرىجىسى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ سىياسىتى ۋە داۋالىنىدىغان جاي بويىچە باشقۇرۇش ئىجرا قىلىنىدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار شۇ جايدىكى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغانبارلىقئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلتۈرلىرىنىڭ تەمىناتىنى بېكىتىش ئۇچۇرىنى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇر سۇپىسىغا ۋاقتىدا يوللاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمەت سۇپىسى APPسىدىن سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن «ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچەئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنىراسچوت قىلىشتىكى سىياسەت ھەم تەرتىپئۇقتۇرۇشى (قېلىپى)»دىكى تەلەپ بويىچە، دىققەت سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شۇ جايدا ئۇقتۇرۇش ئىشلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. شارائىتى بار سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنى ئامبۇلاتورىيەدە ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشنى توردا سۈرۈشتۈرۈش يولى بىلەن تەمىنلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ، دىققەت سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇچۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشنىڭ دەسلەپكى چىقىم لىنىيەسى، بىرتۇتاش غەملىنىدىغان فوندتىن چىقىم قىلىنغان سومما، شەخسلەر ئۆزى چىقىم قىلىش ۋە شەخسلەر ئۆزى خىراجەت قىلىش قاتارلىق ئاتچوت قىلىش تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭدا ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچەئامبۇلاتورىيەدەئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل كۆرسىتىش تۈرلىرى يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسەللىكى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالاش، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش (دىيالىز قىلىش)، ئەزا كۆچۈرۈش بويىچە پەرقلەندۈرۈپ داۋالاشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش خىل ئىدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى