پىتنە- ئىغۋا:
توردا مۇنداق بىر گەپ تارقالغان: «ئاۋۋال تاماق يەپ ئاندىن مېۋە يېسە، مېۋە تاماقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قېلىپ، بىۋاسىتە ھەزىم قىلىنماي قالىدۇ، لېكىن مېۋىنىڭ ئۆزى تاماققا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سېسىپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھەزىم قىلىش نۆۋىتى كەلگەندە مېۋىدىكى ئوزۇقلۇقلار ئېقىپ كېتىپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى تاشلاندۇقلار بولىدۇ». شۇڭا، ئاۋۋال مېۋە يەپ، ئاندىن تاماق يېسە كىشىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
ھەقىقىي ئەھۋال:
ئاڭلىماققا خېلى «ئوبرازلىق» بۇ سەپسەتە توغرا ئەمەس. ئىلگىرى بەزىلەر ئاچ قورساققا مېۋە يېيىشكە بولمايدۇ، دېگەن، ئەگەر ئاچ قورساققا مېۋە يېيىشكە بولمىسا، تاماقتىن كېيىنمۇ مېۋە يېيىشكە بولمىسا، ئۇنداقتا مېۋىنى زادى قاچان يېيىش كېرەك؟ ئېنىقكى، بۇ يەردە لوگىكىلىق چاتاق بار.
يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى، تاماق يېيىش بىلەن مېۋە يېيىشنىڭ قانداق توقۇنۇشۇپ قالىدىغان يېرى بار؟ ئەگەر بار بولسا، ئاشقازاننىڭ سىغىمچانلىقى چەكلىك بولىدۇ، قايسىسىنى كۆپ يەۋالغاندا، يەنە بىرىنى يېيەلمەيدۇ. مېۋىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئاز مىقداردىكى كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل، ماي ۋە ئاز مىقداردىكى سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن ھەمدە مىنېرال ماددىلار بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ ھەزىم قىلىنىپ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن تاماق يېيىش ئارىسىدا بىۋاسىتە باغلىنىش يوق.
بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، مەسىلەن، دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدا ئاز مىقداردا تۆۋەن GI (قان شېكىرىنىڭ ھاسىل بولۇش كۆرسەتكۈچى)لىق مېۋىلەرنى يېيىشى تەۋسىيە قىلىدۇ، بىر تەرەپتىن، مېۋە تەركىبىدىكى ئاز مىقداردىكى يېمەكلىك تالاسى ئاساسلىق يېمەكلىكلەردىكى ئاسان ھەزىم بولىدىغان كاربون- سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىنى ئاستىلىتىشقا پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن، تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يەپ بېرىش دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى