ياشنىڭ قانچىلىك كۆرۈنىدىغانلىقى چاچنىڭ قارا ياكى قارا ئەمەسلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، چاچ ئاقىرىپلا كەتسە، «ئاكاش»لار «تاغاش» بولۇپ قالىدۇ، ئەسلىدە يېشى چوڭ بولمىسىمۇ، سىرتقا چىققاندا نەزەرىدە چوڭ دادا، چوڭ ئانىدەك كۆرۈنىدۇ.
چاچ نېمىشقا بالدۇرلا ئاقىرىپ كېتىدۇ؟ نۇرغۇن كىشى بىر مۇھىم ئامىلغا سەل قارايدۇ، ئۇ بولسىمۇ روھىي بېسىم.
روھىي بېسىم ئېغىر بولسا راستتىنلا چاچ ئاقىرىپ كېتەمدۇ؟
راستتىنلا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
چاچنىڭ قارا بولۇش- بولماسلىقى چاچتىكى قارا رەڭلىك پىگمېنت ھۈجەيرىسى (قىسقارتىلىپ قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسى دېيىلىدۇ) بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
ئەگەر قارا پىگمېنت غول ھۈجەيرىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئازلاپ كەتسە، ھەتتا پۈتۈنلەي خوراپ تۈگىسە ياكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمالسىزلاشسا، ھاسىل بولىدىغان قارا پىگمېنت ئازىيىپ، چاچقا قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسى رەڭ بېرەلمىگەچكە، چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ.
نورمال ئەھۋالدا، قارا پىگمېنت غول ھۈجەيرىسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىدۇ.
ئەمما، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بېسىم بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، سىمپاتىك نېرۋا قارا پىگمېنت غول ھۈجەيرىسىنى زىيادە جانلاندۇرۇپ، قارا پىگمېنت غول ھۈجەيرىسىنىڭ زىيادە خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن !
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇزاق مەزگىل بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا، ھەقىقەتەن ئاق چاچ ئۆسۈپ چىقىشى مۇمكىنكەن.
ئۇنداقتا، روھىي بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاق چاچ قانداق ھالەتتە پەيدا بولىدۇ؟ خۇددى تېلېۋىزوردا كۆرگەندەك بىر كېچىدىلا ئاقىرىپ كېتەمدۇ؟
ئەمەلىيەتتە، چاچنىڭ ئۆسۈشى، قارا پىگمېنتنىڭ خورىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقىت كېتىدۇ، بىر كېچىدىلا چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق دېيەرلىك.
ئەگەر بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاق چاچ بولسا، ئادەتتە يېڭى ئۆسۈپ چىققان چاچ ئاقارغان بولىدۇ، نۇرغۇن كىشى چېچىنىڭ بىر قىسمىنىڭ قارا، بىر قىسمىنىڭ ئاق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، بۇنى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاق چاچ بەك كۆپ بولمىسا، چاچ يىلتىزىدا يەنە يېڭى قارا چاچ ئۆسۈپ چىققان بولسا، بۇ چاچنىڭ يەنە قارىيىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۆزىدىكى بېسىمنى يېنىكلەتسە، يەنە قارا چاچلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، قارا پىگمېنت غول ھۈجەيرىلىرى «كوللېكتىپ ئۆلگەن» بولسا، يېڭىدىن ئۆسۈپ چىققان چاچ ئاق بولۇپ، قارا بولمىسا، ئۇنداقتا چاچنىڭ قايتا قارىيىشىدىن ئۈمىد بولماسلىقى مۇمكىن.
روھىي بېسىمدىن باشقا، بۇ تۆت ئامىلمۇ ئاسانلا چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
1. ئۇزاق مۇددەت ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىق، ئىشلەش ۋە دەم ئېلىشى قانۇنىيەتلىك بولماسلىق
ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سىمپاتىك نېرۋا قارا پىگمېنت غول ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشى ۋە مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىق دەل سىمپاتىك نېرۋىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.
بىرەر قېتىم كېچىدە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇشنىڭ ئۇنچىلىك زىيىنى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش چاچنىڭ ئاقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، يەنە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. قىسمەن ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش
ۋىتامىن B گۇرۇپپىسى، ئاقسىل، تىروسىن ياكى مىس، سىنك، سېلېن قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولسا، چاچتىكى قارا پىگمېنتلارنىڭ نورمال بىرىكەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، شۇنداقلا ئاق چاچ بالدۇر ئۆسۈپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.
3. ئىرسىيەت ئامىلى
ئەگەر ئۆيدىكى چوڭلاردىمۇ چېچى بالدۇر ئاقارغان ئەھۋال بولسا، ئۇنداقتا ئەۋلادلارغىمۇ مۇشۇ خىل گېن ئىرسىيەت قېلىپ، ئاتالمىش «ياش- ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 25 ياشتىن بۇرۇنلا ئاق چاچ چىقىشقا باشلىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ 50- 60 ياشقا كىرگەن تۇرۇقلۇقمۇمۇ ئاق چېچى يوقلۇقىنى بايقايمىز، بۇمۇ گېننىڭ تەسىرىدىن، بۇنىڭغا ئامال يوق!
4. كېسەللىك ئامىلى
ئاق كېسەل، قالقانسىمان بەز كېسەللىكى (مەسىلەن، قالقانسىمان بەز فۇنكسىيەسى كۈچىيىش كېسىلى)، مېڭە ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، تۇبېركۇليۇز، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش، يامان سۈپەتلىك قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ چاچنىڭ ئاقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
چېچىنىڭ بىنورمال ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.
قارا چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
ئەگەر يېمەكلىك ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش قارا كۈنجۈتكە ئوخشاش نامىدا «قارا» دېگەن سۆز بار نەرسىلەرنى، ھەم رەڭگى قارا بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى كۆرسەتسە، چاچنىڭ ئاقىرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
چاچنى ئاسراپ، ئۇنىڭ كۆپرەك قارا تۇرۇشىنى ئويلىسىڭىز، بۇ بىر قانچە ھالقىلىق نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
1. بېسىمنى ئۆزى يېنىكلىتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋېلىڭ، سىرتلارغا چىقىپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادە بولۇڭ.
2. ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇشتىن ساقلىنىڭ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ.
3. يېمەك- ئىچمەكنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇڭ، بىر خىللا غىزالىنىشتىن ساقلىنىڭ.
4. ئەگەر ئاق چاچ تېز ئۆسۈپ، تېز كۆپەيسە، دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرسىتىپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرۇڭ.
«چاچنى قارايتىدۇ، قويۇقلاشتۇرىدۇ» دەۋالغان مەھسۇلات ياكى خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسېپلارغا ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن ھالىتىنى ياخشى تەڭشىسىڭىز، چېچىڭىز تەبىئىي ھالدا ساغلام بولىدۇ.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چاچ ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تۇرمۇشىمىزغا ھېچقانداق تەسىر ئېلىپ كەلمەيدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: پەننى ئومۇملاشتۇرغان جۇڭگو ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى