导航切换

كۆيۈك يارىسىغا چىش پاستىسى سۈركەپ ئاغرىق توختاتقىلى بولىدۇ؟ زەھەرلىك يىلان چېقىۋالسا ئېغىز بىلەن زەھەر سۇيۇقلۇقىنى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ؟ بۇ جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇناسىۋەتلىك خاتا قاراشلارغا ئەمدى ئىشەنمەڭ!

日期:2024年09月14日
来源:天山网
【字体:

جىددىي ئەھۋالدا، توغرا بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بىر جاننى قۇتقۇزالايدۇ. ھالبۇكى، خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن نۇرغۇن جىددىي قۇتقۇزۇش خاتا قاراشلىرى ھەمىشە ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاممىنى ئازدۇرىدۇ، ھەتتا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۈگۈن 2024 - يىللىق دۇنيا جىددىي قۇتقۇزۇش كۈنى، تېز كېلىپ تۆۋەندىكى دائىم كۆرۈلىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش خاتا قاراشلىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان - پەرقلەندۈرەلمەيدىغانلىقىڭىزغا جەڭ ئېلان قىلىڭ.

تۇتقاقلىق كېسىلى


تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا، بىمارنىڭ ئاغزىغا نەرسە تىقىش ئارقىلىق ئۇنىڭ «تىلىنى چىشلەپ ئۆلۈۋېلىش»نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا، بىمارنىڭئېغىز بوشلۇقى مۇسكۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانپۈتۈن بەدىنىدىكى مۇسكۇللارتارتىشىپ قالىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ ئاغزىغا نەرسە تىقسا، چىشى سۇنۇپ كېتىشى ياكى ئېغىز بوشلۇقى ئېغىر يارىلىنىشى، ھەتتا نەرسە نەپەس يولىغا چۈشۈپ تۇنجۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.

شۇڭا، تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغان بىمارلارنىڭ ئاغزىغا بىر نەرسە تىقىشنىڭ پايدىسى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭ خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. توغرا بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى بولسا، بىمارنىڭ بېشىنى قوغداش، ئۇنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپتىكى قاتتىق نەرسىلەرنى يىراققا يۆتكىۋېتىش، تارتىشىشنىڭ توختىشىنى ساقلاش.

بۇنىڭدىن باشقا، تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغان مەزگىلدە، بىمارنىڭ بەدىنىنى مەجبۇرىي باسماسلىق، شۇنداقلا بىمارغا يېمەكلىك ياكى سۇ بېرىشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، سوغۇققان بولۇش ھەمدە ھەر ۋاقىت جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىشقا تەييار تۇرۇش كېرەك.

قايرىلىپ كېتىش


بوغۇم قايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن دەرھال ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟

بوغۇم قايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەڭ دەسلەپكى 72 ~ 24 سائەت ئىچىدە ئىسسىق ئۆتكۈزمەي، سوغۇق ئۆتكۈزۈش كېرەك. سوغۇق ئۆتكۈزۈش قاناشنى توختىتىشقا، ئىششىقنى ياندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئاغرىق توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. سوغۇق ئۆتكۈزۈش مەزگىلىدە، ھەر قېتىمدا 30 ~ 15 مىنۇت ھەر كۈنى 4 ~ 3 قېتىم داۋاملىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلاستىك داكا بىلەن يەرلىك ئورۇننى بېسىپ تېڭىپ، ئىششىق ۋە قايرىلىپ كەتكەن جايدىكى زەخمىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلىبولىدۇ. ئىسسىق ئۆتكۈزۈش بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ،بىخلىما گۆش شەكىللىنىش مەزگىلىگە كىرگەندە، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، لېكىن دەسلەپكى مەزگىلدە ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ياللۇغنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى ۋە ساقىيىشنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا، جىددىي زەخىملىنىش مەزگىلىدە، ئالدى بىلەن سوغۇق ئۆتكۈزۈش ھەمدە بېسىپ تېڭىش ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كۆيۈپ يارىلىنىش


كۆيۈپ يارىلانغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا چىش پاستىسى سۈركەش ئاغرىق توختىتىش؟

كۆيۈپ يارىلانغاندىن كېيىن چىش پاستىسى سۈركەش ئاغرىق توختىتىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي،يەنە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. چىش پاستىسىدىكى تەركىبلەر باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جاراھەت يۈزىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولسا، دەرھال سوغۇق سۇ بىلەن يارا ئورنىنى چايقاپ، تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە زەخىملىنىشنى ئازايتىش. سوغۇق سۇدا چايقاشۋاقتى ئاز دېگەندە 30 ~ 10 مىنۇت داۋاملىشىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر كۆيۈك دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ بولسا ياكى سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسا، سۇلۇق قاپارتمىنى خالىغانچە تېشىۋەتمەسلىك ھەمدە تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا، جاراھەت يۈزىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، تېببىي دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن ھەرقانداق «يەرلىك ئۇسۇل»نى ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.

سۇلۇق قاپارتما


كۆيۈپ يارىلانغاندىن كېيىن سۇلۇق قاپارتمىنى خالىغانچە تېشىۋېتىشكە بولمايدۇ؟

كۆيۈپ يارىلانغاندىن كېيىن پەيدا بولغان سۇلۇق قاپارتمىنى ھەقىقەتەن خالىغانچە تېشىۋېتىشكە بولمايدۇ. سۇلۇق قاپارتمىنىڭ شەكىللىنىشى تېرە زەخىملەنگەندىن كېيىنكى بىر خىل ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمى بولۇپ، سۇلۇق قاپارتمىنى تېشىۋېتىش يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ھەمدە ساقىيىشنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىن. كىچىك سۇلۇق قاپارتما تەبىئىي ئوڭشىلىپ قالىدۇ، چوڭراق سۇلۇق قاپارتما ياكى ئېغىر كۆيۈك بولسا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. توغرا بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بولسا، سوغۇق سۇ بىلەن يارا ئورنىنى چايقاپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، ئاندىن مىكروبسىز داكا بىلەن جاراھەت يۈزىنى يېنىك يېپىپ، پاكىز ۋە قۇرغاق ساقلاش. ئائىلىدە كۆيۈكنى بىر تەرەپ قىلغاندا،يارا ئېغىزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،دەلىللەنمىگەن ھەرقانداق «خەلق ئىچى داۋالاش ئۇسۇلى»نى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بېلىق قىلتىرىقىنى يۇتۇۋېلىش


بېلىق قىلتىرىقىنى يۇتۇۋالغاندا گۈرۈچ تامىقى، موما ياكى ئاچچىقسۇ ئىچىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكمۇ؟

بېلىق قىلتىرىقىنى يۇتۇۋالغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر گۈرۈچ تامىقى، مومىنىمەجبۇرىي يۇتۇش ياكى ئاچچىقسۇ ئىچىش ئارقىلىق پەسەيتىشنى سىناپ باقىدۇ، لېكىن بۇ بېلىق قىلتىرىقىنىڭ قىزىلئۆڭگەچكە كىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چىقىرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىشى، ھەتتا قىزىلئۆڭگەچنىڭ زەخىملىنىشى ۋە يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئاچچىقسۇ ئىچىپ بېلىق قىلتىرىقىنى يۇمشىتىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاشلا ئىلمىي ئەمەس، چۈنكى ئاچچىقسۇنىڭ يۇمشىتىش رولى ئاستا بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېلىق قىلتىرىقىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. توغرا ئۇسۇل شۇكى، قاتتىق يېمەكلىكلەرنى داۋاملىق يۇتۇشتىن ساقلىنىش ھەمدە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كەسپىي تېببىي خادىملار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىقئېلىۋېتىشكېرەك. كەينىگە سۆرەش ياكى نامۇۋاپىق ئۇسۇلنى سىناپ بېقىش تېخىمۇ ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

بۇرۇن قاناش


ئەگەر بۇرۇن قاناپ كەتسە، باشنى كۆتۈرۈش، بۇرۇننى قىسىۋېلىش، قەغەز تىقىش ئارقىلىق بۇرنىڭىزدىن ئاققان قاننى توختاتقىلى بولامدۇ؟

باشنى كۆتۈرۈش قاننىڭ كېكىردەككە ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن قان توختىتىش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي يەتكىلى بولمايدۇ. توغرا ئۇسۇل باش قىسمىنى سەل ئالدىغا ئېگىش ھەمدە باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەنبۇرۇن قانىتىنى 10 ~ 5 مىنۇت قىسىپ تۇرۇپ قان توختىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە،سوغۇق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قان تومۇرلارنى تارايتىپ، قاناشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇرۇن قاناشنى 10 مىنۇت ئىچىدە توختاتقىلى بولمىسا ياكى قايتا - قايتا يۈزبەرسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ قان تومۇردا يوشۇرۇن نورمالسىزلىق ياكى باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياشانغانلاردا بۇرۇن قاناشنىڭ كۆپ بولۇشى باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە مۇناسىپ تېببىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى


بىرەيلەن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىن، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەكمۇ؟

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىر خىل ئېغىر يۈرەك كېسىلى بولۇپ، ئاغرىق ھوشىدىن كەتكەن بولسا، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، توغرا ئۇسۇل دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاغرىقنى تۈز ياتقۇزۇپ، كىيىمىنى بوشىتىپ نەپەسنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەگەر ئاغرىقنىڭ نەپسى ياكى يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالسا، دەرھال يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنىئەسلىگە كەلتۈرۈش (CPR) ۋەبەدەن سىرتىدىن ئاپتوماتىك توك سوققۇزۇش ئۈسكۈنىسى (AED)نى ئىشلىتىپجىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك. كەسپىي جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، نەق مەيداندىكى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچى، رېنجۇڭ پەللىسىنىبېسىش، ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈش قاتارلىق خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسىپلار بۇ ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

يىلان چېقىۋېلىش


زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندىن كېيىن، ئېغىز بىلەن زەھەر سۇيۇقلۇقىنى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋەتسە بولامدۇ؟

زەھەر سۇيۇقلۇقىنى ئېغىز بىلەن سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىش ئىنتايىن خەتەرلىك ھەم ئۈنۈمسىز جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى بولۇپ، زەھەر سۇيۇقلۇقى قۇتقۇزغۇچىنىڭ تېنىگە كىرىپ، ئىككىنچى قېتىم زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. توغرا ئۇسۇل دەرھال داكا بىلەن يارا ئېغىزىنىڭ يۈرەككە يېقىن ئۇچىنى بوغۇپ، زەھەر سۇيۇقلۇقىنىڭ تارقىلىشىنى ئاستىلىتىپ، ئاندىن تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە،قان توختىتىش بوغقۇچى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بەك چىڭ باغلاشپۇت-قوللارنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى، ئىمكانقەدەريىلاننى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ،دوختۇر - سېسترالارنىڭ يىلاننىڭ تۈرىنى پەرقلەندۈرۈپ،يىلان زەھىرىگە قارشى قاراتمىلىق ھالدىكى قان زەردابى بىلەن تەمىنلەپ داۋالىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش كېرەك.جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش زەھەر سۇيۇقلۇقىنى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولىدۇ.

يۇقىرى قىزىتما


يۇقىرى قىزىتما ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، ئىسپىرت بىلەن بەدەننى سۈرتۈش ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولامدۇ؟

ئىسپىرت بىلەن بەدەننى سۈرتۈپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش تېرىنى غىدىقلاش ياكى زەھەرلىنىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنى تېمپېراتۇرىنىفىزىكىلىقتۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى قىلىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا. توغرا ئۇسۇل شۇكى، چۈشەندۈرۈش بويىچە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچكۈزۈش، ئىلمان سۇ بىلەن پۈتۈن بەدەننى سۈرتۈپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش ياكى يۇقىرى قىزىتما ئاغرىقلىرى ئەتراپىدا شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش كېرەك. تېمپېراتۇرىنىفىزىكىلىقتۆۋەنلىتىشنى تەدرىجىي ئېلىپ بېرىش، تېمپېراتۇرىنى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلىتىپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغانبەدەن تېمپېراتۇرىسى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىش ياكى باشقا ناچار رېئاكسىيە كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش لازىم. يۇقىرى قىزىتما ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئاغرىقلارغا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندا،بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك بولغان تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلى بىمارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىش پەقەت كېسەللىك ئالامىتى،قىزىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى ۋاڭ چيەن، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 3 - مېدىتسىنا مەركىزى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى.