导航切换

زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولامدۇ؟

日期:2024年09月19日
来源:天山网
【字体:

پىتنە- ئىغۋانىڭ مەزمۇنى: ئوپېراتسىيە ئارقىلىق «زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى» بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەخمىسى كىچىك، داۋالاش باسقۇچى قىسقا، ئۈنۈمى تېز بولىدۇ.

ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش:زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىنى ھازىر داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.داۋالاشتا كېسەلگە قاراپ دورا ئىشلىتىشكە ۋە سەزگۈرلۈكنى يوقىتىپ داۋالاشقا بولىدۇ.ئەمما، سەزگۈرلۈكنى يوقىتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بۇ بىردىنبىر سەۋەبىگە قاراپ داۋالاشنى يىلتىزدىن داۋالاش ئۇسۇلى دېگىلى بولمايدۇ، زىيادە سەزگۈرلۈك ئانتېتېلاسى ئىزچىل ئاغرىقنىڭ تېنىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا، پەقەت ئاغرىقنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى ئازايتىدۇ ياكى يوقىلىدۇ، ئاغرىقنىڭ يەنىلا زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشىغا توغرا كېلىدۇ، كۆپ مىقداردىكى زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى يەنە كېسەللىك ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارمۇ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەك، ئالدى بىلەن زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىنى دائىملىق داۋالايدىغان دورىلار، مەسىلەن، بۇرۇنغا پۈركۈيدىغان گلۇكوكورتىكوئىد ۋە ھىستامىنغا قارشى دورىلارنىڭ ناچار تەسىرى نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن سەزگۈرلۈكنى يوقىتىپ داۋالاش ئارقىلىق، كۆپ ساندىكى ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەيدۇ، ھەتتا يوقايدۇ، ئارىلاپ- ئارىلاپ يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا ئارىلاپ دورا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسى تۇرمۇش سۈپىتىگە روشەن تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، يىل بويى ھەر كۈنى دورا ئىچىشكە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلار ناھايىتى ئاز.