9-ئاينىڭ 21-كۈنى، «دۇنيا ئالتسخېيمېر كېسەللىكى كۈنى». ئالتسخېيمېر كېسەللىكى نېرۋا سىستېمىسى چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كىلىنىكىدا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، سۆزلىيەلمەسلىك، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ھەمدە خاراكتېر ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئالاھىدىلىك قىلىدۇ. بۇ كېسەللىك «خاتىرىسىنى ئۆچۈرگۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى.