بەزى مۇرەككەپ ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن، دوختۇر بىمارغا تەكىتلىشى مۇمكىن:ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئوپېراتسىيە يارىسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوپېراتسىيەدە ماشىنا ئادەم ياردىمى ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، مانا بۇ نۆۋەتتە بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ماشىنا ئادەم ئوپېراتسىيەسى. ئۇنداقتا راستىنلا ماشىنا ئادەم دوختۇرنىڭ ئورنىدا ئوپېراتسىيە قىلامدۇ؟ جاۋابى: ئۇنداق ئەمەس.
رەسىم مەنبەسى: كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو
ماشىنا ئادەم ئوپېراتسىيەسىدە ھەرگىزمۇ ماشىنا ئادەم ئوپېراتسىيەنى مۇستەقىل تاماملىمايدۇ، بەلكى دوختۇر مەشغۇلات كونترول سۇپىسى ئارقىلىق مېخانىك بىلەكنى كونترول قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىدۇ. مېخانىك بىلەك بىر خىل مېخانىك ئۈسكۈنە بولۇپ، خۇددى ئادەمنىڭ بىلىكىگە ئوخشاش، دوختۇرنىڭ پۇت - قول ھەرىكىتىنى تەقلىد قىلالايدۇ، ئوخشاش بولمىغان ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساندىكى مېخانىك بىلىكى بولىدۇ.
ئوپېراتسىيەدە، ماشىنا ئادەم مەشغۇلاتى قىلىدىغان دوختۇر مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تۇتقۇچ ۋە پۇت تاختىسى ئارقىلىق مېخانىك بىلەكنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ. مېخانىك بىلەككە مىكرو تىپلىق تېلېكامېرا ۋە ئوپېراتسىيە قورالى ئورنىتىلغان بولۇپ، دوختۇر چۈشۈرگەن «بۇيرۇق»نى ئىجرا قىلالايدۇ. مەشغۇلات قىلغۇچى دوختۇر يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېكران ئارقىلىق ئوپېراتسىيە رايونىنى كۆزىتىپ، ئوپېراتسىيە كۆرۈشدا ئىرىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مېخانىك بىلەكنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قانداق مەشغۇلات قىلىشى توغرىسىدا «بۇيرۇق» چۈشۈرسە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن قارىغاندا، مىكرو تېلېكامېرا ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ئورنىنى ئالغان، نۇرغۇن مېخانىك بىلەك دوختۇرنىڭ ئىككى قولىنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، دوختۇر ئىنتايىن چەكلىك ئوپېراتسىيە كېسىك ئېغىزى ئاستىدا مېخانىك بىلەك ئارقىلىق مۇرەككەپ ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتىنى تاماملىيالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېكران ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ ئېنىق ئوپېراتسىيە كۆرۈش دائىرىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، بۇ مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا دوختۇرلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ئوپېراتسىيە ئوقۇتۇشىغا قولايلىق يارىتىدۇ.
گەرچە ماشىنا ئادەم ئوپېراتسىيەسى مىكرو زەخىملىك، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، جانلىقلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ماھىيەتتە پەقەت بىر خىل ئوپېراتسىيە قورالى بولۇپ، يەنىلا دوختۇرنىڭ كەسپىي ماھارىتى ۋە تەجرىبىسى ئارقىلىق پۈتكۈل ئوپېراتسىيە جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى كونترول قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، ماشىنا ئادەم خۇددى بىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇغا ئوخشايدۇ، ھازىرچە تېخى مۇستەقىل ئەقلىي ئىقتىدارى يوق، ئادەم يېقىن ئەتراپتا تۇرۇپياكى يىراق مۇساپىدىن ئۇنى كونترول قىلىدۇ،ماشىنا ئادەم نېمە مەشغۇلات قىلىدۇ، قاچان قىلىدۇ، قانداق قىلىدۇ، بۇلارنى ماشىنا ئادەم ئۆزى بەلگىلىمەيدۇ، بەلكى ماشىنا ئادەم مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئادەم بەلگىلەيدۇ.
(تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: چېن جيې بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى)