导航切换

كۈندە بىر رەددىيە | لوڭقا ئىزى قانچە قېنىق بولسا، بەدەندىكى نەملىك شۇنچە ئېغىر بولىدۇ؟

日期:2024年09月22日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: «ئازادلىق گېزىتى»

«قىشنىڭ كېسىلىنى يازدا داۋالاش»تا لوڭقا قويۇش قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا لوڭقا قويۇشنى ئۆگىتىدىغان نۇرغۇن يازمىلار پەيدا بولدى، بەزىلەر ئۆزىنىڭ لوڭقا قويغاندىن كېيىنكى ھالىتىنى ئورتاقلاشتى، بەزىلەر ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى لوڭقا ئىزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلدى، ھەر خىل لوڭقا قويغۇچلارمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا تېز سېتىلدى. ئۇنداقتا لوڭقا قويۇشنىڭ زادى پايدىسى بارمۇ-يوق؟ توردىكى ئۆگىتىش ئىشەنچىلىكمۇ؟


رەسىم مەنبەسى: كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو

لوڭقا ئىزىغا قاراپ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ ساختا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش

لوڭقا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، بەدەندە قىزىل - سۆسۈن ئوخشاش بولمىغان لوڭقا ئىزى قالىدۇ. بەزىلەر لوڭقا ئىزى قانچە قېنىق بولسا، بەدەندىكى قان ئۇيۇپ قېلىش، زەھەر، نەملىك شۇنچە ئېغىر بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنە نۇرغۇن ۋېيبو ئىگىلىرى «لوڭقا ئىزىنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىش» دېگەن يازمىلارنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساختا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش.

شاڭخەي جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى يۆياڭ جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش دوختۇرخانىسى يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن يۈنفېي مۇنداق دېدى: لوڭقا قويۇشنىڭ پىرىنسىپى پار ئارقىلىق مەنپىي بېسىم ھاسىل قىلىپ، لوڭقىنى تېرىگە سۈمۈرۈۋېلىپ، قىسمەن قىل قان تومۇرلارغا قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندىكى پاتولوگىيەلىك ھاسىلات ۋە مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت.

ئادەم بەدىنىنىڭ ھەقىقىي تېرە توقۇلمىلىرىغا نۇرغۇن قىل قان تومۇرلار تارقالغان بولۇپ، لوڭقا قويغاندا لوڭقا ئىچىدىكى بېسىم قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر لوڭقا ئىچىدىكى بېسىم بىر قەدەر كىچىك بولسا، قىل قان تومۇرلار يېرىلمىسا، تېرە قىزىل رەڭگە كىرىدۇ؛ ئەگەر لوڭقا ئىچىدىكى بېسىم بىر قەدەر چوڭ بولسا، قىل قان تومۇرلار ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىپ كەتسە، بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلىپ قان چىقىدۇ، بۇ قان ھەقىقىي تېرىگە سىڭىپ كىرىپ، تېرىدە تۇتۇق قىزىل ياكى سۆسۈن قارا ئىز پەيدا بولىدۇ. ئوخشاش بېسىم ئاستىدا، لوڭقا قويۇش ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا رەڭگى شۇنچە قېنىق بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، رەڭگى قانچە قېنىق بولسا، بەدەندىكى توكسىننىڭ كۆپ ياكى نەم ھاۋانىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ، بەلكى قىل قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى كۆپ، سىرغىپ چىققان قاننىڭ كۆپ ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

«لوڭقا قويۇش بەدەندىكى نەملىكنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن قاراش ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنىڭ كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

چېن يۈنفېي مۇنداق دېدى: سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار: بىرىنچى، لوڭقا ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولسا، تېرىنى كۆيدۈرۈپ سۇلۇق قاپارتما پەيدا قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، لوڭقا قويۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، قىسمەن تېرە توقۇلمىلىرىدىن سۇيۇقلۇق بەك كۆپ سىرغىپ چىقىپ سۇلۇق قاپارتما ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە كىلىنىكىدا چوڭ لوڭقا 10~ 5 مىنۇت، كىچىك لوڭقا 15~10 مىنۇت ساقلىنىدۇ. لوڭقا قويۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، تېرىگە ئاسانلا سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالىدۇ.

ئەگەر لوڭقا قويۇپ بولغاندىن كېيىن تېرىگە سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالسا، سۇلۇق قاپارتما كىچىك بولسا كۆيۈك مەلھىمى سۈركەپ، سۈركىلىشنى ئازايتىپ، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش، سېرىق ھاراق، چىش پاستىسى قاتارلىقلارنى سۈركىمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك؛ سۇلۇق قاپارتما بىر قەدەر چوڭ بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

ئۆزى سېتىۋالغان ئەسۋابتا لوڭقا قويۇش؟ تەۋسىيە قىلىنمايدۇ

ئۆزى ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ لوڭقا قويۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاللىشى، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغانھەر خىل-ھەر ياڭزالوڭقا قويغۇچلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى سېتىلىش مىقدارى تۆۋەن ئەمەس، يەنە بەزىلەربازىرى ئىتتىك لوڭقا قويغۇچنى باھالايدۇ ۋە ئۇنى باشقىلارغا ھەمبەھرلەيدۇ.

لېكىن چېن يۈنفېي شەخسىي ياكى كەسپىي بولمىغان ئاپپاراتلاردا خالىغانچە لوڭقا قويغۇزۇشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: لوڭقا قويۇش كەسپىي داۋالاش مەشغۇلاتى بولۇپ، مەشغۇلات ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ۋاقىت، بېسىمغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ، ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، دوختۇر ئاغرىقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالىغاندىن كېيىن ئاندىن لوڭقا قويۇشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، يۈرەك - ئۆپكە كېسەللىكلىرى بىمارلىرى، قاناش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىمارلىرى، تېرىسى زىيادە سېزىمچانلىق ۋە تېرە كېسەللىكلىرى بىمارلىرى، ھامىلىدار ئاياللار ۋە ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار لوڭقا قويۇشقا ماس كەلمەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، لوڭقا قويۇپ بولغاندىن كېيىنكى پەرۋىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. لوڭقا قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدىكى قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا، ئاسانلا سوغۇق بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. لوڭقا قويۇپ بولغاندىن كېيىن تېرە بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، لوڭقا قويۇپ تۆت سائەتتىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنۇش، لوڭقا قويۇلغان ئورۇنغا سۈركىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. (مۇخبىر بەي لۇ)