مەنبە: ساغلاملىق گېزىتى
چىش يۇيۇش ئىشىدا نۇرغۇن دوستلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك گۇمانلىرى بارلىقىغا ئىشىنىمەن: بەزى ئاغرىقلار: «دوختۇر، چىشىم بەك سارغىيىپ كەتتى، تېز چىشىمنى يۇيۇپ، ئاقارتىپ قويۇڭ!» دەيدۇ. بەزى ئاغرىقلار: «دوختۇر، مەن چىشىمنى يۇيغۇزماقچى ئىدىم، بىراق ئاڭلىسام چىشىمنى يۇيغۇزغاندىن كېيىن چىشىم سەزگۈرلىشىپ كېتىدىكەن، بۇ راستمۇ؟» دەپ سورايدۇ.يەنە بەزى ئاغرىقلار: «مېنىڭ چىشىمدا تاش بار، دوختۇر ماڭا چىش يۇيۇش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن مەن چىش يۇيغاندا چىش ئارىلىقىنىڭ چوڭىيىپ، چىشىمنىڭ بوشاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دەيدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى زادى نېمە؟ تۆۋەندە بىز چىش يۇيۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان ئۈچ خاتا قاراشنى ئېچىپ تاشلاپ، كۆپچىلىكنى چىش يۇيۇشقا قارىتا توغرا، ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە قىلىمىز.
رەسىم مەنبەسى: كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو
1-خاتا قاراش: چىش يۇيغاندا چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ
جاۋابى: بولمايدۇ. چىش يۇيۇش بىلەن چىش ئاقارتىش ئىككىسى ئىككى ئىش.
چىش يۇيۇش ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا دائىم قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇن باكتېرىيەلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار چىشىمىزنىڭ سىرتقى يۈزىگە «ماكانلىشىدۇ» ھەم تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، چىش باكتېرىيە دېغىنى شەكىللەندۈرىدۇ. چىش باكتېرىيە دېغىنى يېڭى شەكىللەنگەن ۋاقىتتا چىش چوتكىلاش ئارقىلىق تازىلىغىلى بولىدۇ، لېكىن چىش چوتكىلاش ئارقىلىق چىش باكتېرىيە دېغىنى ۋاقتىدا، تولۇق تازىلىغىلى بولمايدۇ. چىش باكتېرىيە دېغى شۆلگەيدىكى كالتسىي بىلەن بىرىكىپ تەدرىجىي مىنېراللىشىپ، چىش تېشىغا ئايلىنىدۇ. چىش باكتېرىيە دېغى ۋە چىش تېشى چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى، كۆپچىلىكنىڭ ھەر يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە دوختۇرخانىغا بېرىپ چىشىنى بىر قېتىم يۇيۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چىش يۇيغاندا، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى چىشقا يىغىلىپ قالغان چىش تېشى، چىش باكتېرىيە دېغى، ئىس دېغى ۋە رەڭ دېغى قاتارلىقلارنى تازىلايدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، چىشنى يۇيغاندا ئەسلىدە چىشقا تەۋە بولمىغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ، چىشنى يۇيغاندىن كېيىن چىشنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەگەر چىش ئەسلىدىنلا ئاق بولسا، ئۇنداقتا ئاق رەڭلىك كۆرۈنىدۇ؛ ئەگەر چىش ئەسلىدىنلا سېرىق بولسا، ئۇنداقتا سېرىق رەڭلىك كۆرۈنىدۇ؛ ئەگەر سىز دائىم تاماكا چەكسىڭىز، چاي ئىچسىڭىز، قەھۋە ئىچسىڭىز، بۇ خىل تاشقى مەنبەلىك پىگمېنت ۋە چىش تېشى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، ئۇنداقتا چىش يۇغاندا تاشقى مەنبەلىك پىگمېنت ۋە چىش تېشىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ، چىشنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدۇ؛ ئەگەر چىشىڭىزنىڭ رەڭگى بىنورمال بولسا، مەسىلەن، فتور داغلىق چىش ياكى تېتراتسىكلىن چىش يۇيغاندا چىشنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
2-خاتا قاراش: چىش يۇيۇش چىشنىڭ سەزگۈرلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بەزىلەر چىشىنى يۇيغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، چىشى سەزگۈر بولۇش ياكى چىشىنىڭ بوشىشىش دەرىجىسى ئېشىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ چىش ئارىلىقىنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئەمەلىيەتتە، چىش يۇيۇش ماھىيەتتە چىشنىڭ بوشاپ كېتىشى، چۈرۈكلىشىپ كېتىشى، چىش ئارىلىقىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، چىش يۇيغاندىن كېيىن بىئارام بولۇشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئەمەلىيەتتە چىشنىڭ ئۆزىدە بار بولغان چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىدىن ئىبارەت، بۇ ئەسلىدە بار بولغان مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىدۇر. بۇنىچىش يۇيۇشقا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن يىل چىش يۇيمىسا، چىش باكتېرىيە دېغى، چىش تېشى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە يىغىلىپ قېلىپ، چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىش، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر چىش باكتېرىيە دېغى ۋە چىش تېشى چىش ئەتراپىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى توقۇلمىلارغا قاراپ يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، چىشنى تىرەپ تۇرىدىغان چىش ئوقۇرى سۆڭىكىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چىش ئوقۇرى سۆڭىكى سۈمۈرۈلسە ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى تەس بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمەي، چىش يىلتىز ئۇچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېقىن ئورۇنغا تەرەققىي قىلسا، ئادەتتە چىشنىڭ بوشاپ كېتىشى، يۆتكىلىپ كېتىشى، ھەتتا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىش يۇيۇشتىن بۇرۇن، چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە تاش يىغىلىپ قېلىپ، چىش يىلتىزى ئىسسىق - سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىنى ھېس قىلالمايدۇ. چىش يۇغاندىن كېيىن، چىش يىلتىزىغا يېپىلغان چىش تېشى تازىلىنىپ، چىش يىلتىزى ئېغىز بوشلۇقىدا بىۋاسىتە ئېچىلىپ قالىدۇ، ئىسسىق - سوغۇق، چۈچۈمەل - تاتلىق غىدىقلاشلار ئاسانلا چىشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چىش نېرۋىسىغا بىۋاسىتە يېتىپ بېرىپ، چىش ئاسانلا غىدىقلىنىپ سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ خىل سەزگۈر كېسەللىك ئالامەتلىرى قىسقا ۋاقىت بولۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.
3-خاتا قاراش: چىش يۇيۇش چىش ئارىلىقىنى چوڭايتىۋېتىدۇ
چىش ئەتراپى كېسىلى ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىش ئەتراپىغا يىغىلىپ قالغان چىش تېشى خۇددى كىچىك تېڭىق تاختىسىغا ئوخشاش، بوشاپ قالغان چىشنى بىر يەرگە مۇقىملاشتۇرۇپ قويۇپ، چىش بوشاپ قالمىغاندەك ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىدۇ. چىش يۇيۇشتا چىش تېشىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئىگىلىگەن بوشلۇق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاشكارىلىنىپ، چىش ئەتراپى كېسىلى ئاغرىقلىرى چىشىبوشاپ، چىش ئارىلىقىكېڭىيىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. چىش ئەتراپى كېسىلى قانچە ئېغىر بولسا، چىش ئوقۇرى سۆڭىكىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، چىشنىڭ بوشاپ كېتىشى شۇنچە روشەن بولىدۇ. يېنىك، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى چىش ئەتراپى كېسىلى ئاغرىقلىرىدا، قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن چىش مىلىكى داۋالاش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، چىش ئەتراپىغا تېخىمۇ چىڭ يېپىشىدۇ، چىشنىڭ بوشاپ كېتىشىمۇ ياخشىلىنىدۇ. چىش مىلىكى ئىششىمىسا، ئەسلىدىكى چىش يوچۇقى كۆرۈنۈپ، كىشىگە چىش يۇيۇشتىن كېلىپ چىققان چىش يوچۇقى چوڭىيىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
بەزىلەر ئەگەر چىشنى يۇيمىسا چىشنىڭ سەزگۈرلۈكى، بوشاپ كېتىشى، چىش ئارىلىقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان خىيال بولۇپ، چېكىنگەن چىش مىلىكى ۋە سۈمۈرۈلگەن چىش ئوقۇرى سۆڭىكى چىشنى يۇيماسلىق، چىش ئەتراپىنى داۋالاتماسلىق سەۋەبىدىن ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كەلمەيدۇ، چىش ئەتراپى ياللۇغى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلسە بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. چىش ئەتراپى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان ھامان،داۋالاش پىرىنسىپى بويىچە، پائال داۋالاش، ياللۇغنى ۋاقتىدا كونترول قىلىپ، چىش ئەتراپى توقۇلمىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ئازايتىش كېرەك.
ساغلام تۇرمۇش بىر جۈملە شوئار بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى. ساغلام ئېغىز بوشلۇقى كۆپچىلىكنىڭ پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چىشنى قەرەللىك يۇيۇش ئېغىز بوشلۇقى ساقلىقىنى ساقلاشتىكى ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ، چىشنى تازىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چىش چىرىش، چىش ئەتراپى كېسىلى قاتارلىق يوشۇرۇن ئېغىز بوشلۇقى مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ.
(ئاپتور: جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسى مەركىزىدىن شۈ باۋخۇا، گاۋيى)