مېۋىنى كۆپ يېيىش بۈگۈنكى كۈندە ئاللىقاچان ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ساغلاملىق ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئالما ۋە شياڭجاۋنى كۆپ يېگەندە قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا ياردىمى بولىدىكەن.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى ئىچىدە شياڭجاۋ ياكى ئالمىنى دائىم(ھەر ھەپتىدە 6 ~ 3 قېتىمغىچە)يەيدىغانلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈش نىسبىتى%40 ~ %24 تۆۋەنلىگەن؛ ئاغرىقلارنىڭ ئىككى خىل مېۋىنى يېيىش قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاندا، ئۆلۈش نىسبىتى %43 تۆۋەنلىگەن.
نېمە ئۈچۈن ئالما بىلەن شياڭجاۋ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، باشقا مېۋىلەر بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئالما بىلەن شياڭجاۋ يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىنىڭقان بېسىمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق؟
شياڭجاۋنىڭ قان بېسىمىنى تەڭشىشى ئاساسلىقى تەركىبىدىكى مول كالىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېتەرلىك كالىي ئېلېمېنتى ئادەم بەدىنىدىكى ناترىينىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يۇقىرى ناترىي كەلتۈرۈپ چىقارغان قان بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىپ، ئازوت ئوكسىدلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئاشۇرۇپ، قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا بولغان بېسىمىنى ئازايتىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتلار كالىينى قوبۇل قىلىشنىڭ قان بېسىمىنى ئاكتىپ تەڭشەش رولىنى ئىسپاتلىدى.
شياڭجاۋنىڭ كالىي مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، 256 مىللىگرام/100 گىرامغا يېتىدۇ، بۇ ئۈزۈم(127 مىللىگرام/100گىرام)نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، بولو(113 مىللىگرام/100 گىرام)نىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپرەكىگە، نەشپۈت (85 مىللىگرام/100 گىرام)نىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
ئالمىنىڭ كالىي مىقدارى (83 مىللىگىرام/100 گىرام) شياڭجاۋغايەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكى بىر تەرەپتىن، يېمەكلىك تالاسى مىقدارى بىر قەدەر مول بولۇپ، ھەر 100 گىرامىدىكىيېمەكلىك تالاسى 1.7 گىرام بولۇپ، ئۈزۈم (1 گىرام/100 گىرام)نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىن كۆپ، بولو (1.3 گىرام/100 گىرام)نىڭكىدىن%31 كۆپ.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئالما تەركىبىدىكى بىر قەدەر مول بولغان فلاۋانول قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
قان بېسىمنى تۆۋەنلەتمەكچى بولسىڭىز پەقەت ئالما، شياڭجاۋلا يەمسىز؟ باشقا مېۋىلەر بولامدۇ؟
شىرنىلىك مېۋىلەردىمۇ خېلى مول فلاۋانول بار بولۇپ، شىرنىلىك مېۋىلەرنى دائىم يەپ بەرسە، كۆپ يەپ بەرسە ئوخشاشلا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يۈز گىرام قارا بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى فلاۋانول مىقدارى 13 مىللىگرامدىن 19 مىللىگرامغىچە بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، فلاۋانولدىن باشقا، شىرنىلىك مېۋىلەردە ئومۇميۈزلۈك كۆپ خىل مول بىيولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلار بار، مەسىلەن، سىئانىدىن، ئىپتىدائىي سىئانىدىن، ئاق خەربەك ھارىقى قاتارلىقلار ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ئەركىن رادىكاللارنىڭ قان تومۇر ھۈجەيرىلىرىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ، قان بېسىمىنى تەڭشەشكىمۇ ياردىمى بار.
«جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى