导航切换

ئەمدى قالايمىقان ئۇۋۇلاتماڭ! بۇ ئورۇنلارنى ئىمكانقەدەر ئۇۋۇلاتماڭ

日期:2024年09月14日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: شىنخۇا تورى

ئۇۋۇلىتىش، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى «زۆرۈر ئىش»قا ئايلاندى.

ئالدىراش تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇۋۇلىتىش ئارقىلىق بېسىم ۋە ھارغىنلىقنى پەسەيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەيلى بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىن بولسۇن ياكى ھەرىكەتتىن كېيىن مۇسكۇللىرىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا بولسۇن، ئۇۋۇلىتىش بەدەننى راھەت، كۆڭۈلنى ئازادەقىلىدۇ. ئۇ جىددىي مۇسكۇللارنى بوشىتىپلا قالماي، يەنە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەتتا روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ.


بىراق،ئۇۋۇلىتىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەمگە، ھەممىلاۋاقىتقا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇۋۇلىتىشنىڭ پايدىسى بولمايلا قالماستىن، ھەتتا سالامەتلىككە خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

1

____________________________________________________________________

بۇ كىشىلەر ئۇۋىلىتىشقا ماس كەلمەيدۇ

ئۇۋۇلىتىش بىر خىل مېخانىكىلىق بېسىش ئارقىلىق مۇسكۇللارنى بوشىتىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ ئۇزاق ۋاقىت باش ئېگىپ خىزمەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىشىشىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ. ئەمما، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل كىشىلەر ئۇۋۇلىتىشتا ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.

1. بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ئاغرىقلىرى

بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۇۋۇلىتىشتا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ بىمار يىلىك تىپلىق بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى باسقۇچلۇق تۇراقسىز بولغاندا ياكى يېتىلىش خاراكتېرلىك بويۇن ئومۇرتقىسى نەيچىسى تارىيىش قوشۇلۇپ كەلگەندە، يىلىك يېنىك بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئەگەر ئۇۋۇلىغۇچى تۈۋرۈكنى كۈچەپ ئۇۋۇلىسا، تۈۋرۈككە قىسقا ھەم قاتتىق زەربە بېرىپ، يىلىكنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تېخىمۇ چوڭ بېسىمغا ئۇچرىتىپ، نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ جىددىي ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا مەڭگۈلۈك يۇقىرى ئورۇنلۇق كەسمە پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2. ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار

يىلىك بېسىلىش خەۋپىدىن باشقا، بويۇن قىسمىنى ئۇۋۇلىتىشتا يەنە بويۇن ئارتېرىيە داغ پارچىلىرى مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك، بۇ ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى ياكى تاماكا چېكىش ئادىتى بار كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بويۇن قىسمى ئۇۋۇلانغاندا، قېتىپ قالغان داغ پارچىلىرى چۈشۈپ كېتىشى ھەمدە قان ئېقىمى بىلەن بىللە باش ئىچىگە كىرىپ، مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇۋۇلىتىشنىڭخەتىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياشانغانلار ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆڭەك شالاڭلىشىش دەرىجىسى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىدۇ. ئەگەر ئۇۋۇلىغاندا بەك كۈچەپ كەتسە، سۆڭەك سۇنۇش ياكى بوغۇملارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى ياكى ئاپتوماتىك ئۇۋۇلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى بۇ ئۈسكۈنىلەر شەخسىي ئەھۋالغا ماس كېلىدىغان ئۇۋۇلاش كۈچى بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكى مۇمكىن.

3. باشقا ئالاھىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپى

بۇنىڭدىن باشقا، دائىم سەل قارىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە بار: ئەگەر بۆرەكتە خاتا تۈزۈلۈشلۈك ئۆسمە (مەسىلەن، سىلىق مۇسكۇل ياغ ئۆسمىسى) بولسا، زور كۈچ بىلەن بېسىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر ئايال ئۇۋۇلىتىشسەۋەبىدىن ياغ ئۆسمىسى يېرىلىپ كېتىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇۋۇلىتىش ئېلىپ كەلگەن ئارام ئېلىش ئۈنۈمىدىن بەھرىمەن بولغاندا، چوقۇم يوشۇرۇن ساغلاملىق خەتىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ئالاھىدە ساغلاملىق مەسىلىسى بار كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن.

2

_____________________________________________________________________

بۇ ئورۇنلارنى ئىمكانقەدەر ئۇۋىلاتماڭ

يۇقىرىقى ئالاھىدە كىشىلەر توپىدىن باشقا، بەزى بەدەن قىسمى ۋە ئۇۋۇلىتىش ئۇسۇلىمۇ ساغلام كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن خەتەرلىك.

1. بويۇن ئۇۋۇلىتىش

ئالدى بىلەن يەنىلا بويۇن قىسمىنى ئۇۋۇلىتىشنى سۆزلەشكېرەك، چۈنكى بويۇن قىسمىنى ئۇۋۇلىتىشنىڭئالاھىدە كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا خەتىرى بولغاندىن سىرت، قىسمەن ئورۇنلارنى ئۇۋىلىتىشنىڭ ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن خەتىرى بار، مەسىلەن بويۇن ئارتېرىيە كاۋىكى، بۇ بويۇن ئوتتۇرا سىزىقىنىڭ ئوڭ - سول ئۈچ بارماق كەڭلىكىدىكى ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ئىنتايىن سەزگۈر. ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ نامۇۋاپىق غىدىقلىشى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، يېنىك بولغاندا ئايلىنىپ كېتىشى، ئېغىر بولغاندا ھەتتا يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


بۇنىڭدىن باشقا، مەلۇم قىسقا سنسۇپىسىدا ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈشنى پەسەيتىدىغان ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى سىنى بار. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، سىندا بويۇن ئارتېرىيە كاۋىكى رايونىنى بىر مىنۇت بېسىش ۋە ئۇۋۇلاش تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. ئەگەر يېنىڭىزدا بىرەرسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىننىكۆرگەن بولسا، بۇنداق ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىڭ.


2. كۆكرەك قىسمىنى ئۇۋۇلىتىش

ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىكنىڭ كۆكسىنى ئۇۋۇلىتىشتن ساقلىنىشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز. ئالدى بىلەن، نۇرغۇن ھۆسن تۈزەش ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن ئۇۋۇلاش مېيى تەركىبىدە ئانىلىق ھورمون بار بولۇپ، بۇ خىل ئارتۇقچە ھورموننى قوبۇل قىلىش سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئاللىقاچان دەسلەپكى باسقۇچتىكى سۈت بېزى راكى مەۋجۇت بولسا، بۇ خىل ئۇۋۇلاش ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى غىدىقلاپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن.

يەنە كېلىپ، دەسلەپكى سۈت بېزى راكىدىكى مونەك ئىنتايىن كىچىك بولۇشى، ھەتتا مونەك بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، بەزىدە ھەتتا كەسپىي سۈت بېزى كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىمۇ تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىيالمايدۇ. ئەگەر ئۇۋۇلاتقاندا ئۆسمە ئاللىقاچان بار بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق بولمىغان ئۇسۇل ئۇنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. بۇ نۇقتا ھايۋانات تەجرىبىسى ئارقىلىق ئىلمىي دەلىللەشكە ئېرىشكەن. شۇڭا، كۆكسىنى ئۇۋۇلىتىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، ساغلاملىق خەتىرىدىن ساقلىنىشكېرەك.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇۋۇلىتىشبىر خىل جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەقىقەتەن نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئازادىلىكتىن بەھرىمەن بولۇشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇۋۇلىتىشتىكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنىئىگىلىگەندە، ئۇۋۇلاتقاندا تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇپلا قالماي، يەنە يوشۇرۇن ساغلاملىق خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ساغلاملىق ئەڭ مۇھىم، پەقەت بىخەتەرلىك ئالدىنقى شەرتى ئاستىدىلا ئۇۋۇلىتىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايدۇ.

شۇڭا، كېيىنكى قېتىم ئۇۋۇلىتىشقا ئالدىن كېلىشىپ قويغاندا، ئالدى بىلەن ئۆزىدە ئۇۋۇلىتىشقا ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار - يوقلۇقىنى ئويلىشىش لازىم. ئەگەر ھەرقانداق گۇمانلىق مەسىلە بولسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇر ياكى كەسپىي ئۇۋۇلاش ئۇستىسىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.