سافادا سىيرىلىپ يېتىپ يان تېلېفون كۆرۈش
ناشتا بىلەن چۈشلۈك تاماقنى بىللە يېيىش
تىرناقنى بەك چوڭقۇر ئېلىۋېتىش
...
بىلەمسىز؟
تۆۋەندىكى بۇ 10 ئىش قارىماققا بەك راھەت
ئەمەلىيەتتە، بەدەنگە بولغان زىيىنى
سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىنمۇ خېلىلا چوڭ
↓↓↓
1
________________________________________________________________________
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دەرھال ئۇخلاش
نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يېگەندىن كېيىن مۈگدەپ قالىدۇ، چۈنكى گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەر قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىپ، مېلاتونىننىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇيقۇغا ياردەم بېرىدىغان نۇرغۇن دورىلار ئىچىدە مېلاتونىن تەركىبى بار.
ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۇخلىسا، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. ئۇيقۇ ھالىتىدە ھەزىم قىلىش يولىنىڭ لۆمۈلدەش، بوشىتىش ۋە سۈمۈرۈش جەريانى ئاستىلايدۇ، ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا ئانچە ياخشى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېمەكلىك ئاشقازاندا تۇرۇپ قالسا، يەنە ئېچىپ گاز ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە،تاماق يېگەندىن كېيىن، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ئەگىشىپ، قان ئايلىنىشمۇ تېزلىشىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا دەرھال چۈشلۈك ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە ۋە پۈتۈن بەدەنگە تەمىنلىنىدىغان قان مىقدارى مەجبۇرىي ئازىيىپ، بەدەننىڭ بىئارام بولۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بەزى كىشىلەر چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن گاراڭ بولۇپ قالىدۇ، مانا بۇ مۇشۇ پىرىنسىپ.
ئەڭ ياخشىسى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا گۈرۈچ تامىقى، موماقاتارلىق ئىنچىكە ئىشلەنگەن كاربون سۈيىنى ئاز ئىستېمال قىلىش، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن چۈشلۈك ئۇخلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، چۈشلۈك ئۇيقۇ ئەڭ ياخشىسى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، يېرىم سائەت ئىچىدە بولسا ئەڭ ياخشى. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چۈشلۈك ئۇيقۇ بىر يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
2
________________________________________________________________________
تىرناقنى بەك چوڭقۇر ئېلىۋېتىش
تىرناقنىبارماقنىڭ ئەگرى سىزىقىغىچە ئالغاندا قارىماققا چىرايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە كېيىنكى قېتىملىق تىرناق ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ قول بارماقلىرىغا نىسبەتەن ياخشى ئىش ئەمەس.
ئادەمنىڭ قول ۋە پۇت بارماقلىرى تىرناق ۋە تىرناق ئاستىدىكىيۇمشاق توقۇلمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئىككىسى بىر - بىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ، ئەگەر تىرناق بەك چوڭقۇر ئېلىۋېتىلسە، يۇمشاق توقۇلمىلار قىلچە «تەپ تارتماستىن» ئۆسۈپ چىقىدۇ، تىرناق يەنە ئۆسۈپ چىققاندا بولسا بۇئىككىسى بىر - بىرىگە تاقىشىپ، تىرناق قىسىلىپ قالىدۇ. ئىككىسى بىر - بىرىگە تەگسە، چوقۇم بىرى يارا بولىدۇ، يېتەرلىك قاتتىق تىرناق تىرناق ئېرىقچىسىنى تېشىۋېتىدۇ، باكتېرىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە قىزىرىپ ئىششىپ يىرىڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تىرناق ئېرىقچىسى ياللۇغى شەكىللىنىدۇ.
شۇڭا، تىرناقنى ئالغاندا ئەڭ ياخشىسى بەك ئېلىۋەتمەسلىك، ئىككى تەرىپىنى بەك چوڭقۇر ئالماسلىق، تىرناق ۋە يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3
________________________________________________________________________
سافادا سىيرىلىپ يېتىش
سىيرىلىپ يېتىش(يېرىم يېتىش) بولسا يېتىش بىلەن ئولتۇرۇش ئارىلىقىدىكى بىر خىل قىياپەت بولۇپ، گەرچە ناھايىتى راھەت بولسىمۇ، لېكىن ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، ئاسانلا بەل مۇسكۇلى زەخمىلىنىش ۋە ئومۇرتقا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىيرىلىپ ياتقاندا، بەدەن بىلەن سافائورۇندۇقى، يۆلەنچۈكى ئوتتۇرىسىدا ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىنىپ، دۈمبە ئاسما ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مۈرە ۋە بەل قىسمى كۈچ نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، بەل تۈۋرۈكىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇل، سېرىقئەت ۋە تارىمۇشلارنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى سۈرەتكە تارتسىڭىز، باش قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالدىغا قىيسايغان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئېگىلىش بۇلۇڭى قانچە چوڭ بولسا، بويۇن ئومۇرتقا ئۇچرايدىغان بېسىممۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن، ئۇزاق مۇددەت سىيرىلىپ ياتقاندا بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ چېكىنىشى تېزلىشىپ، مۈرە، بويۇن، دۈمبە تېلىپ ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق بىئاراملىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
يىراقنى كۆزلىگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئامال بار بۇنداق قىسقا ۋاقىتلىق راھەتلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4
________________________________________________________________________
چىراغنى ئۆچۈرۈپ يان تېلېفون كۆرۈش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن يان تېلېفون كۆرۈش كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئادىتى، لېكىن بۇ خىل ئادەت ھەر تەرەپتىن كۆزگە زىيانلىق.
ئالدى بىلەن، ئۇ مۈڭگۈز پەردە ئېپىتېلىيىسى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئېپىتېلىيىسى ۋە ياش پەردىسى توقۇلمىلىرىدىن تەركىب تاپقان كۆز سىرتقى قۇرۇلمىسىنى بۇزىدۇ. ئېكران بىلەن ئەتراپنىڭ نۇر پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت قاراڭغۇدا يان تېلېفون ئىشلەتكەندە، ياش پەردىسىنىڭ مۇقىملىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، يەنە مۈڭگۈز پەردىسى قۇرغاقلىشىش، بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە قان تولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، كۆز بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. قاراڭغۇ مۇھىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېكرانغا يېقىن ئارىلىقتىن تىكىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆز قارىچۇقى كىچىكلەپ، كۆز ئالمىسى ئىچىگە يىغىلىپ، كۆز بېسىمى ئازراق ئۆرلەيدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئېكرانغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندا، كۆز ئالمىسى مۇسكۇللىرىمۇ ھەرىكەت قىلىپ، كۆز بېسىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئاخىرىدا، ئۇ كۆز ساغلاملىقىغا ئۇزاق مۇددەت زىيان يەتكۈزىدۇ. ئادەمنىڭ كۆز ئالمىسىدا بىر سەزگۈ ئەزا توقۇلمىسى بولۇپ، ئادەمنى %90تىن ئارتۇق كۆرۈش سېزىمى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنى كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغ بولۇپ، يان تېلېفون ئېكرانى كۆك نۇر قويۇپ بېرىدۇ، ئەگەر يۇقىرى سىجىللىقتىكى كۆك نۇر كۆزگە ئۇزاق ۋاقىت كىرسە، سېرىق داغ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
5
________________________________________________________________________
دائىم قۇلاق كولاش
ھەر بىر ئائىلىدە دېگۈدەك قۇلاق كولىغۇچ بار، بەزىلەر يەنە قۇلاق كولىتىشقا بېرىشىمۇمكىن، بىراق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قۇلىقىنى كولىشى ھاجەتسىز.
قۇلاق كىرىنىڭ ئىلمىي نامى بار، ئۇ نوقۇل ھالدا قۇلاقنىڭ چىقىرىندىسى بولماستىن، بەلكى قۇلاقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، قۇلاق يولىنى قوغداپ، يات ماددىلارنى توسۇپ قالالايدۇ، شۇنداقلا كىسلاتا - ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئادەتتە ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ چايناش، ھەرىكەت قىلىشىغا ئەگىشىپ تەبىئىي ھالدا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەگەر قۇلاقنى ئۇزاق مۇددەت زىيادە كولىغاندا، ئاجرىلىپ چىقىشنى غىدىقلاپ، قۇلاق كىرى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. قۇلاقنى توغرا كولىمىغان ھالەت ۋە كۈچ قۇلاق يولىنى زەخىملەندۈرۈشى، ھەتتا قۇلاق پەردىسىنى تېشىۋېتىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە، بازاردىكى قۇلاق كولاش دۇكانلىرىنىڭ قۇلاق كولاش ئۈسكۈنىلىرىنى ساقلىشى ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشى جايىدا ئەمەس، قۇلاق كولاش دۇكىنىغا بېرىپ قۇلىقىنى زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملاندۇرۇۋالغان لار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. ئەگەر ھەقىقەتەن ئېھتىياجىڭىز بولسا، ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىڭ.
6
________________________________________________________________________
ئۇزاق ئولتۇرۇش
ھازىرقى زامان ياشلىرى مەيلى خىزمەت قىلىش، تاماق يېيىش ياكى ئارام ئېلىش بولسۇن، ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق.لېكىن ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرماسلىقنىڭ ئوخشاشلا خەتىرى بار.
مەسىلەن، ئۇ سىزنى «ساغرا مۇسكۇلى خاتىرىسىنى يوقىتىش كېسىلى» گە گىرىپتار قىلىدۇ. خۇددى بىر پارچە ئېلاستىكىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك ئۆچۈرگۈچكە ئوخشاش، باسسا ئەسلىگە قايتىدۇ، ئەمما ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ ئىزچىل تۇتسا، ئېغىر نەرسىنى ئالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا زۇلۇمغا ئۇچراش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ساغرا قىسمى ئوخشاشلا شۇنداق، ئەگەر ئۇزاقئولتۇرغاندا، ساغرا ياپىلاق، بوش بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللەيەنە، ساغرا ئەتراپىدىكى باشقا قىسىملارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، يوتا توملىشىدۇ، بەل - دۈمبە دائىم ئاغرىيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئېگىلىش ھالىتىدە ئورۇندۇقتا ئولتۇرسا، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئۆرە تۇرغاندىكىدىن %100 ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، تىزدىكى يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكتە قان تومۇر توقۇلمىلىرى مەۋجۇت ئەمەس، ئاساسلىقى بوغۇم بوشلۇقىنىڭ بېسىمىغا تايىنىپ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىدۇ، ئەگەر ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىغاندا، بېسىم پەرقى بولمىسا، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ قۇرۇلمىسى يېتەرلىك تەسىرگە ئۇچرىماي، كۈندىن - كۈنگە چېكىنىپ، تىز بوغۇمى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى نۇرغۇن مەسىلىلەردىن ساقلىنىشمۇ ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىش. بىر سائەت ئولتۇرۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈچ مىنۇت ھەرىكەت قىلغاندا سالامەتلىكنى زور دەرىجىدە ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
7
________________________________________________________________________
دائىم قولى بىلەن بۇرنىنى كولاش
ماڭقا بۇرۇننىڭ چىقىرىندىسى ئەمەس، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسى ئاجرىتىپ چىقارغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ، بۇرۇننى نەمدەش، چاڭ - توزان ۋە ھۈجەيرە ئۇۋاقلىرىنى يېپىشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بارماق بىلەن بۇرۇننى كولىغاندا، بۇرۇن بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، تېخىمۇ كۆپ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇرۇن ئىچىدىكى قىل قان تومۇرلار ئادەتتىن تاشقىرى مول بولۇپ، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا قان چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرناق يوچۇقىدا دائىم كىر بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇننى كوچىلاش ئەمەلىيەتتە باكتېرىيە يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، يەنە بىر ئەڭ چوڭ زىيىنى بار، ئۇ بولسىمۇ، بارمىقىڭىز بۇرۇن تۆشۈكىڭىزدىنتوم، بارمىقىڭىز بىلەن بۇرنىڭىزنى دائىم كولاۋەرسىڭىز كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇرۇن تۆشۈكىڭىز يوغىناپ كېتىشى مۇمكىن.
ئەگەر زادى بۇرنىڭىزنى كولىماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى يەڭگىل ئۇسۇلنى قوللىنىڭ،يۇمشاق پىلتىگۈچنى پاكىز سۇغا چىلاپ دومىلىتىپ تازىلىسىڭىز بولىدۇ.
8
________________________________________________________________________
كەچ يېتىپ ۋاقچە قوپۇپ ناشتا بىلەن چۈشلۈك تاماقنى تەڭ يېيىش
ئادەم بەدىنىدە كېچە - كۈندۈز رىتىمى، يەنى بىيولوگىيەلىك سائەت مەۋجۇت بولۇپ، ھەربىر ئەزا بۇ قائىدىنى ئەستە ساقلايدۇ ھەمدە بۇنى خىزمەت ئاساسى قىلىدۇ. ئەگەر ئادەتتە نورمال ۋاقىتتا تاماق يەيدىغان بولۇپ، تۇيۇقسىز بىر كۈنى تۈنىگەندىن كېيىن ناشتا ۋە چۈشلۈك تاماقنى بىللە يېسە، ئۇلار ماسلىشالماي قالىدۇ.
ئەتىگەندە ناشتا قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئاشقازان ئۆزلۈكىدىن ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ئاشقازاندا بىر نەرسە بولمىسا، ئاشقازان كىسلاتاسى بىۋاسىتە ئاشقازاننى چىرىتىدۇ. چۈش بولغاندا، ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تاماقنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئادەتتىكى بىر ۋاخ تاماقتىن كۆپ بولغاچقا، ئاشقازان قىسمى بۇنچە كۆپ ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجرىتىپ چىقىرالماي، تاماق يىغىلىپ قالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر ۋاق ئاچ، بىر ۋاق توق ھالەتتە يۈرگىنىڭىزدە، سىزنىڭ قان شېكىرىڭىز خۇددى «تاغدىن ئۆتۈش ماشىنىسى»غا ئولتۇرغاندەك بىردەم ئۆرلەپ، بىردەم تۆۋەنلەپ تۇرىدۇ، بۇ جەرياندا ئىنسۇلىن غىدىقلىنىشنى قوبۇل قىلالماي، ۋاز كېچىشى مۇمكىن.
شۇڭا، ئىمكانقەدەر ۋاقتىدا دەم ئېلىپ، ۋاقتىدا تاماق يەپ، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.
9
________________________________________________________________________
تىرناق بىلەن چىش كولاش
تىرناقنىڭ قېلىنلىقى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چىش ئارىلىقىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەچكە، چىشنى ھەرگىزمۇ پاكىز تازىلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئۇ ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، دوختۇرلار ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرگەندە دائىم ئەينەككە قاراپ ئىنچىكە كۆزىتىدۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر چىش ئارىلىقىنى تازىلىغاندا سەزگۈسىگە تايىنىدۇ، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا، ئاجىز چىش مىلىكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ئالدىنقى سېكۇنتتا قۇلاقنى كولىغان، كېيىنكى سېكۇنتتا بۇرۇننى كولىغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ دەقىقىدە يەنە ئاغزىغا كىرىدۇ.تىرناق بىلەن چىشىنى كوچىلاشنىڭ يېمەكلىك تازىلىقى بىخەتەرلىكىگە قارىتىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىيالىسۇن.
چىش كولاشنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇلى بار، ئەڭ ياخشىسى چىش كولىغۇچ ۋە چىش يىپىنى دائىم تەييارلاپ قويغاندا، چىش ساغلاملىقىنى ئاسراش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا كۆپ قىسىم قالدۇقلارنى تازىلىغىلى بولىدۇ.
10
________________________________________________________________________
كالپۇك تېرىسىنىسويۇش
كالپۇك تېرىسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنى ئاز ئىچكەنلىكتىن ياكى ۋىتامىننىڭ كەملىكىدىن ئەمەس، بەلكى كالپۇك ياللۇغىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ تېرىنى سويۇۋېتىپلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
ئادەتتە دائىم ئۇنى سويۇۋېتىش سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. كالپۇكتېرىسى ناھايىتى نېپىز بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىل قان تومۇرلار تارقالغان، قول بىلەن سويغاندا ئاسانلا ئاغرىيدۇ ياكى قان چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، كالپۇكتىكى ئۆلگەن تېرىنى سويۇۋېتىش ئەمەلىيەتتە بىر خىل مۇداپىئەنى ئېلىۋەتكەنلىكھېسابلىنىدۇ، بۇ خىل مۇداپىئە تەكرار ئېلىۋېتىلسە، كالپۇك غىدىقلىنىۋەرسە باكتېرىيەلەر ئاسانلا بېسىپ كىرىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە جاۋغاي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
توغرا ئۇسۇل شۇكى، ئىسسىق لۆڭگە بىلەن بىر نەچچە مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، ئۆلگەن تېرە يۇمشىغاندىن كېيىن، ئاندىن يۇمشاق چوتكا بىلەن ئۆلگەن تېرىنى چوتكىلاپ چىقىرىۋېتىپ، لەۋ سىلىقلاش مەلھىمى سۈركەپ نەملىك ساقلاش كېرەك.