ياز پەسلى يېتىپ كېلىپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلىمەكتە، تومۇز ئىسسىقتا نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئىستاكان مۇزلىتىلغان ئىچىملىك ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشنى ئويلايدۇ.
«ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش» ۋە «مۇزلىتىلغان ئىچىملىك» تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇنجى ئىنكاسى بىر بوتۇلكا مۇزدەك كولا ئىچىش بولۇشىمۇمكىن، تۇنجى يۇتۇم مۇزدەك كولا ھەمىشە كىشىنى شۇنداق قانائەتلەندۈرىدۇ. لېكىن سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئۇسسۇزلۇقنى ئەڭ قاندۇرىدىغان ئىچىملىك ئەمەلىيەتتە مۇزدەك كولا ئەمەس.
ئەڭ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان، «سۇ ساقلاش» ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئىچىملىكلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا:ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت، سۇيۇق تولۇقلىماتۇز، تولۇق ياغلىق سۈت.
مۇزلىتىلغان كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر گەرچە ئادەمنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى تېخىمۇ قاندۇرسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئىچىملىك سۇنى بەدەندە تېخىمۇ ئۇزاقتۇرغۇزىدۇ.
13 خىل ئىچىملىكنىڭ سۇ تولۇقلاش ئىقتىدارى
ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گۇ جۇڭيى
ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت
سۇيۇق تولۇقلىما تۇز
ئىچىش ناھايىتى قىيىن !
تولۇق ياغلىق سۈت
ئاپېلسىن شەربىتى
كولا
شېكەر كۆپ!
جيەنيى كولا
مۇزدەك قىزىل چاي * * * *
ئىسسىق قىزىل چاي *
تەنھەرىكەت ئىچىملىكى
سۇ
(مىنېرال سۇ، ساپ سۇ، دىستىللەنگەن سۇ)
گازلىق سۇ
(سۇ + كاربون Ⅳ ئوكسىد)
ساغلام ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەندىكى سۇ تەركىبىنى ناھايىتى ياخشى تولۇقلايدۇ
لاگې پىۋىسى
قەھۋە
سۇسىزلايدۇ
ئىسسىق قىزىل چاي ۋە قەھۋەدىن باشقا ئىچىملىكلەر ℃ 6 ~ 4لۇق ئۆلچەملىك سوغۇق ساقلاش تېمپېراتۇرىسىدا تاكى ئىچكۈچە ساقلىنىدۇ.
سۇيۇق تولۇقلىماتۇز: تەلەپ بويىچە تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ.
… ئىسسىق قىزىل چاي ۋە قەھۋە: قاينىتىلغان سۇغا دەملىنىدۇ، يىلىمانلىق دەرىجىسى 60 سېلسىيە گىرادۇستائىچىش كېرەك.
…مۇزدەكقىزىل چاي: ئوخشاش ئىسسىق قىزىل چاينى دەملەپ، ℃ 6 ~ ℃ 4تا تاكى ئىچكۈچە سوغۇق ساقلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ يەنىلا ئەڭ ساغلام ئىچىملىك، كۆپچىلىكنىڭ قەرەللىك، نورمىلىق ھالدا سۇ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بىراق، ئەگەر ھەرىكەتتىن كېيىن كۆپ مىقداردا تەر چىقسا، ياكى بىر مەزگىل سۇ ئىچىش ئەپسىز بولسا ۋە ياكى تازىلىق ئۆيىگە بېرىش ئەپسىز بولسا، يۇقىرىدىكى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ھەم «سۇ ساقلايدىغان» ئۈچ خىل ئىچىملىكنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.
(ئاپتور: گۇ جۇڭيى بېيجىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى)