导航切换

كۈندە بىر رەددىيە | سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسىلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولامدۇ؟

日期:2024年07月04日
来源:天山网
【字体:


ھەقىقىي ئەھۋال:بۇ قاراش توغرا ئەمەس. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئادەتتە يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسا ئاسانلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن، بۇ ھەرگىزمۇ سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسىلا چوقۇم تەرەققىي قىلىپ يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.


سۈرەت مەنبەسى: كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو

قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ سەۋىيەسى ئۇزاق مۇددەت زىيادە يۇقىرى ھالەتتە تۇرغاندا، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، زىيادە يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتاسى ئاسانلا قاندىكى ئېرىش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كېتىپ، سۈيدۈك كىسلاتا تۇزى كرىستالىنى شەكىللەندۈرۈپ، بوغۇم، بۆرەك قاتارلىق ئورۇنلارغا چۆكۈپ قېلىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلىيەللىك بوغۇم ئاغرىقى، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسا يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ - يوق، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا، سۈيدۈك كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ كىرىستاللىشىپ شەكىللىنىش مۇمكىنچىلىكىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئەمما، كۆپ قىسىم يۇقىرى سۈيدۈك كىسلاتالىق قان كېسىلى توپىدا كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، تەرەققىي قىلىپ يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا ئايلانمايدۇ.

ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: سۈن جۈنجيې، شېنجېن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى؛ شياۋ يوڭشۇاڭ، شۈجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقى دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى