قوغۇننىڭ تەمى ناھايىتى تاتلىق، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنى يۇقىرى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە،قوغۇننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى كۆپىنچە ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، 40kcal/100gدىن ئاشمايدۇ، بۇ بىز ئادەتتە يەيدىغان ئاپېلسىن، ئالما، ئۈزۈم قاتارلىقلاردىن تۆۋەن.
سۈرەت مەنبەسى: كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو
«جۇڭگو يېمەكلىك تەركىبى جەدۋىلى»دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قومۇل قوغۇننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 34kcal/100g بولۇپ، ئورۇقلىماقچى بولغان دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر «دوستانە» ئىكەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب:قوغۇننىڭ قەنت تەركىبى ئىچىدە فرۇكتوزا مىقدارى بىر قەدەر مول بولۇپ، فرۇكتوزىنىڭ تەمى تېخىمۇ تاتلىق ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، تەمىياخشى، ئىسسىقلىق مىقدارىيۇقىرى بولمىغاندىن سىرت، قوغۇننىڭ ئوزۇقلۇقىمۇ بىر قەدەر مول بولۇپ، ئورۇقلاۋاتقان دوستلار مۇۋاپىق مىقداردا يېسە بولىدۇ، ئۆزىنى قاچۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
( تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: رۇەن گۇاڭفېڭ كېشىن يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى)