ساغلام چاي ۋە قەھۋە ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۈچ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ
ئەمدى چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ياكى قەھۋەنى ياخشى كۆرىدىغانلار بۇنىڭدىن كېيىن تالاش- تارتىش قىلمىسىمۇ بولىدۇ، قەھۋە ئىچىش بىلەن بىلەن چاي ئىچىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىش توغرا تاللاشتۇر. بىراق ساغلام چاي، قەھۋە ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۈچ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز كېرەك:
1. چاي ياكى قەھۋە ئىچىش پايدىلىق، لېكىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش كېرەك
گەرچە چاينىمۇ، قەھۋەنىمۇ ئىچىش بەزى كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى مەلۇم دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەر ئىككىلىسىنى ئىچكەندە، كوفېئىننىڭ ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىككە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىش تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، كوفېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھەر كۈنى 210 - 400 مىللىگىرام بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى 1 - 3 ئىستاكان قەھۋە ئىچسە كۇپايە. قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈندە 12 گىرام ئەتراپىدىكى چاينى 3 - 4 قېتىمغا بۆلۈپ دەملەپ ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
2. چاي ياكى قەھۋە ئىچىش پايدىلىق، ئامال بار چۈشتىن بۇرۇن ئىچىش كېرەك
كوفېئىن ئادەم بەدىنىدە 8 - 10 سائەت ئەتراپىدا ئاندىن پۈتۈنلەي مېتابولىزملىنىپ بولىدۇ، شۇڭا كەچتە قەھۋە ئىچىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بولمىسا ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بۇرۇن ئىچىش كېرەك. ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ كەچتە ئۇخلاش سۈپىتىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چۈشتىن بۇرۇن ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. چاي ياكى قەھۋە ئىچىش پايدىلىق، شېكەرنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك
قەھۋەنىمۇ، چاينىمۇ ئىچىشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى «چاي»غا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ يەردە دېيىلگىنى سۈت چاي، مېۋە چېيى بولماستىن، بەلكى ئۆزى دەملىگەن چاي (يېشىل چاي، قىزىل چاي، ۋۇلۇڭ چېيى قاتارلىقلار)نى كۆرسىتىدۇ؛ قەھۋە ئىچىشتىمۇ ئامال بار قەنت مىقدارى ئاز بولغان ئامېرىكان قارا قەھۋەسى ياكى لاتتې قەھۋەسى ئىچىش كېرەك. تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شېكەر بولغان سۈت چاي، مېۋە چېيى ۋە تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شېكەر قىيامى بولغان قەھۋەنى ئامال بار تاللىماسلىق كېرەك. شېكەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش ئەكسىچە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆپ خىل سوزۇلما كېسەللىك خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.