نۇرغۇن كىشى چىشلىرىنىڭ ئاپئاق بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن چىش قانچە ئاق بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ؟
«ئادەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ ساغلام چىشىنىڭ رەڭگى زىيادە ئاق بولمايدۇ»، دېدى چىڭخۇا داشۆ قارىمىقىدىكى بېيجىڭ چىڭخۇا چاڭگېڭ دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جوۋ يەنخېڭ. چىش سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ ئۈچ قەۋەتكە، يەنى چىش ئېمال ماددىسى، چىش ماددىسى ۋە چىش يىلىكىگە بۆلۈنىدۇ. ئىچكى تەرەپتىكى چىش ماددىسى تۇتۇق سۇس سېرىق رەڭدە بولىدۇ، سىرتقى تەرەپتىكى چىش ئېمال ماددىسى بەلگىلىك سۈزۈكلۈككە ئىگە. چىش قانچە ساغلام بولسا، كالتسىيلىشىش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، چىش ئېمال ماددىسى شۇنچە سۈزۈك بولىدۇ، چىش ماددىسىنىڭ رەڭگى شۇنچە ئاسان ئاشكارىلىنىپ، چىشنى سۇس سېرىق رەڭدە كۆرسىتىدۇ. ئەگەر چىشنىڭ يېتىلىشى، كالتسىيلىشىشى ياخشى بولمىسا، چىش ئېمال ماددىسى سۈزۈك بولمىسا، ئەكسىچە چىشتا بىنورمال ئاق رەڭ ياكى «ھەر خىل رەڭ» پەيدا بولىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ چىشىنىڭ رەڭگى ئازراق پەرقلىنىدۇ. جوۋ يەنخېڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: تەتقىقاتتا سېرىق تەنلىكلەرنىڭ چىش ئېمال ماددىسى نىسبەتەن نېپىز بولۇپ، چىش ماددىسىنىڭ سۇس سېرىق رەڭگىنى تېخىمۇ ئاسان نامايان قىلىدىغانلىقى، ھالبۇكى ئاق تەنلىكلەر، قارا تەنلىكلەرنىڭ چىش ئېمال ماددىسى نىسبەتەن قېلىن بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چىشىنىڭ رەڭگى بىزنىڭكىدىن سەل ئاق بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ ماھىيەتتە گېننىڭ پەرقى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
كۈندىلىك چىش ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم. جوۋ يەنخېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپچىلىك تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش، ۋاقتىدا چىش چوتكىلاشقا دىققەت قىلىشى، چىش يىپى بىلەن چىش ئارىلىقىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى كۆپرەك تازىلىشى، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم چىش يۇغۇزۇشى ھەم ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈشى كېرەك.
تېتراتسىكلىن چىش، فىتور داغلىق چىش قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ھەم چىشىنىڭ رەڭگىدىن رازى بولمىغان باشقا كىشىلەر مەخسۇس چىش ئاقارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەسىلەن، خىمىيەلىك ئاقارتىش، فارفۇر يۈز چاپلاش، فارفۇر تاج قاپلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق چىشىنى يەنىمۇ ئاقارتسا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىلمىي تاللىشىمىز، ساغلاملىقنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىشىمىز، تەبىئىي پارقىراق ئاق رەڭنى ئاساس قىلىشىمىز، چىشنى زىيادە ئاقارتماسلىقىمىز، زەخىملەندۈرمەسلىكىمىز كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى