كونىلاردا «ئەتىيازدا گۈل-چېچەك، يازدا قوغۇن-تاۋۇز ئىستېمال قىلىش» دەيدىغان گەپ بار. ياز پەسلىدە تاۋۇز كىشىلەر ياقتۇرىدىغان، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان مېۋە. بەزىلەر پىچىپ قويۇلغان تاۋۇزنى سېتىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر يەپ بولالمىغان تاۋۇزنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ، كېيىنكى قېتىم يەيدۇ ياكى ئىككىنچى كۈنى يەيدۇ. لېكىن، «بىر كېچە تۇرۇپ قالغانبىر كېسىمتاۋۇز ئۈچەينى نېكروزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»، «بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنى يېسە ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ»، «بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزدىكى باكتېرىيە سانى نەچچە يۈز مىليونغا يېتىدۇ» دېگەندەك خەۋەرلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇنداقتا، بىر كېچە تۇرۇپقالغان تاۋۇز دېگىنىمىز كېچىچە قويۇپ قويۇلغان تاۋۇزمۇ؟ بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنى زادى يېگىلى بولامدۇ؟
بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېمەكلىك دېگەننىقانداق چۈشىنىمىز؟
بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېمەكلىك دېگىنىمىز، پەقەت شۇ كۈنى يەپ ئېشىپ قالغان، ئىككىنچى كۈنىگە قويۇپ قويۇلغان يېمەكلىك ئەمەس. قويۇش ۋاقتى 10 ~ 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېمەكلىكلەرگە كىرىدۇ. ئەگەر تاۋۇزنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا پىچىپكەچ سائەت 8دە يېگەندە، گەرچە كېچىنى ئۆتكۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قويۇش ۋاقتى 10 سائەتتىن ئېشىپ، «بىر كېچە تۇرۇپ قالغان» تاۋۇز ھېسابلىنىدۇ. بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنى يېيىش - يېمەسلىك ئاساسلىقى تاۋۇز كېسىدىغان پىچاق ۋە تاۋۇزنى ياپقان نەرسىنىڭپاكىز - پاكىز ئەمەسلىكى، كەسكەندىن كېيىن ۋاقتىدا سوغۇق ساقلىغان - ساقلىمىغانلىقى، توڭلاتقۇدا گىرەلەشمە بۇلغىنىشنىڭ بار - يوقلۇقى ۋە ساقلاش ۋاقتىغا باغلىق.
ئاپتورى: جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گۇڭ ۋېييەن
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ يۈ