يان تېلېفوننىڭ«كۆز ئاسراش ھالىتى» راستىنلا كۆز ئاسرايدۇ؟
بۇ زىيادە كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىك.
بۇ قاراش «كۆز ئاسراش ھالىتى»نىڭ رولىنى مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىك. كۆز ئاسراش ھالىتى كۆزنىڭ ھارغىنلىقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يېنىكلەتسىمۇ، لېكىن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان كۆز ساغلاملىقى مەسىلىسىنى يوقىتالمايدۇ.
يان تېلېفوننىڭ «كۆز ئاسراش ھالىتى» ئادەتتە ئېكراننىڭ رەڭۋە يورۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەپ، ئۇنى تېخىمۇ يېقىشلىق قىلىدۇ، بولۇپمۇ كەچتە ئىشلەتكەندە، كۆك نۇرنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتىپ، كۆك نۇرنىڭ كۆزگە بولغان غىدىقلىشىنى تۆۋەنلىتىپ، كۆزنىڭ ھارغىنلىقى ۋە بىئاراملىق تۇيغۇسىنى ئازايتىدۇ.
ئەمما، ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا ئۇزاق ۋاقىت تىكىلىپ تۇرغاندا، «كۆز ئاسراش ھالىتى»نى ئاچقان تەقدىردىمۇ كۆز چارچاش، قۇرغاقلىشىش قاتارلىق بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، «كۆز ئاسراش ئەنھالىتى» ئەمەلىيەتتە «ھادىسىدىن تۈزەپ ماھىيەتتىن تۈزەش ئەمەس»، ھەقىقىي كۆز ئاسراش ئۈنۈمىنىھاسىل قىلالمايدۇ.
ئاپتور:ئىلمىيرەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ليۇ گاڭ شەندۇڭ داشۆ چىلۇ دوختۇرخانىسى (چىڭداۋ) كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋراچى