چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۈستەلگىلا يامىشىپ بىر پەسئارام ئېلىۋېلىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادىتى، لېكىن ئويغانغاندىن كېيىن پۇت - قول ئۇيۇشۇپ، ئاشقازان كۆپۈپ بىئارام بولىدۇ، بەزىلەر بۇنداق ئۇخلىغاندا ئاشقازان ساڭگىلاپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
سۈرەت مەنبەسى: كۆرۈش سېزىمىدىكى جۇڭگو
بۇ ھەقتە، جېجياڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانا ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى شۈ جىپېڭ مۇنداق دېدى: دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا ئاشقازان ساڭگىلاپ كەتمەيدۇ، ئاشقازان ساڭگىلاپ كېتىشنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئورۇق، ئېگىز بەدەن تىپىدىكى كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاماقتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ناچار يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، ئوپېراتسىيەنىڭ تەسىرى، ئالاھىدە كېسەللىك ۋە باشقا بەدەن ئامىللىرىمۇ ئاشقازان ساڭگىلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەردۇر. لېكىن دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ، بولۇپمۇ تاماقتىن كېيىن دەرھال دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلاپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان بېسىلىپ، يېمەكلىك تولۇق ھەزىم بولماي، ئاسانلا ئاشقازان كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، باش قىسمى بىلەكنى بېسىۋالسا، قان ئايلىنىش ۋە نېرۋا سىستېمىسىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا پۇت - قول ئۇيۇشۇش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا بويۇن قىسمى بىلەن ئومۇرتقىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسى ئەكسىچە بولۇپ، يەنە بويۇن مۇسكۇللىرى زورۇقۇش ۋە ئومۇرتقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا ھەتتا بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
شۈ جىپېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەڭ ساغلام چۈشلۈك دەم ئېلىش ئۇسۇلى ئىمكانقەدەر تۈز يېتىش. خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئەگەر چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا كارىۋات بولمىسا، ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، يۆلەنچۈك ياستۇق قويۇپ، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ئاستىغا تىرەك قويۇپ، ئاندىن U شەكىللىك ياستۇق قويۇپ قويسا، ئۇخلىغاندىن كېيىن بەل ۋە بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى پەسەيتىپ، زورۇقۇش ۋە يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن 15 مىنۇتتىن يېرىم سائەتكىچەسەيلە قىلىپ ئاندىن چۈشلۈك دەم ئېلىش كېرەك. ئادەم ئۇخلىغاندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا نېپىزئەدىيال ياكى كىيىم يېپىۋېلىپسوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. «چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئەڭ ياخشىسى يېرىم سائەت ئىچىدە كونترول قىلىش، ئويغانغاندىن كېيىن ئىمكانقەدەر مېڭىپ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ھالىتىگە تېز سۈرئەتتە قايتىش كېرەك» دېدىشۈ جىپېڭ.