导航切换

ئەڭ يېڭى! بۇ خىل كۆپ ئۇچرايدىغان دورىنى يېگەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولمايدۇ! سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىمۇ بولۇشى مۇمكىن

日期:2024年07月17日
来源:天山网
【字体:

​يېقىندا، دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇرەككەپ زۇكام دورىلىرىنىڭ رېتسېپسىز دورا ۋە رېتسېپلىق دورا چۈشەندۈرمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپىنى ئېلان قىلىپ، مۇرەككەپ زۇكام دورىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى، چەكلىمىسى، ناچار تەسىرى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلارغا بىرتۇتاش ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپىدىكى«ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى» تۈرىدە دورا ئىچىش مەزگىلىدە ھاراق ئىچىشكە، ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقۇرىدىغان قەرەللىك ژۇرنال ___ «جۇڭگو يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ژۇرنىلى»غا ئاساسلانغاندا، مۇرەككەپ رېتسېپلىق زۇكام دورىسى ئاساسلىقى مۇرەككەپرېتسېپلىقزۇكامتابلىتى، مۇرەككەپرېتسېپلىقزۇكام دانىچىسى، مۇرەككەپرېتسېپلىقزۇكام كاپسۇلى قاتارلىقلار بولۇپ، ئائىلىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا ھېسابلىنىدىكەن، ئاساسلىقى ئىسسىقتىن بولغان زۇكامنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىكەن.


مەنبە: بەييۈنشەن ۋە خۇاڭجۇڭياۋ جۇڭيى تېبابىتى دورىسى ھۆكۈمەت تورى.

رېتسېپلىق دورا ۋە رېتسېپسىز دورا چۈشەندۈرمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپىدە، «ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى» تۈرىنىڭ ھەممىسىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى قوشۇش تەلەپ قىلىنغان: مۇرەككەپرېتسېپلىقزۇكام دورىسى تەركىبىدە ئاتسېتامىنوفېنول، ئاتسېتامىنوفېن، كوفېئىن بار. بۇ دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ھاراق ئىچىشكە ياكى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ؛ بۇ دورىلارنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشاش بولغان باشقا زۇكام دورىلىرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىچىشكە بولمايدۇ؛ دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ئايروپىلان، ئاپتوموبىل، كېمە ھەيدەشكە، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا مەشغۇلات قىلىشقا، ماشىنا مەشغۇلاتى قىلىشقا ۋە نازۇك ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

جۇڭكاڭ CMH-كەيسى سىستېمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇرەككەپ رېتسېپلىق زۇكام دورىلىرىنىڭ2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغانمەملىكەت بويىچە پارچە سېتىش دورىخانىلىرىدىكى سېتىش سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليارد 447 مىليون يۈەن، 1 مىليارد 993 مىليون يۈەن ۋە 1 مىليارد 449 مىليون يۈەن بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، رېتسېپسىز دورا ۋە رېتسېپلىق دورا چۈشەندۈرمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپىدە «ناچار تەسىر» تۈرىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى قوشۇش تەلەپ قىلىنغان: ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇرەككەپرېتسېپلىقزۇكام دورىلىرىدا تۆۋەندىكى ناچار تەسىر دوكلاتىنى كۆرگىلى بولىدۇ: ھەر خىل نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېسەللىكلەر: ئۇيقۇسىراش، چارچاش، باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىقلار. تېرە ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى تۈرىدىكى كېسەللىكلەر: ئەسۋە، قىچىشىش، قىزىرىش، سويۇلۇشچان تېرە ياللۇغى، قاپارتمىلىق تېرە بوشىشىش كېسىلى قاتارلىقلار. پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە دورا ئىشلىتىلگەنئورۇنلاردىكى ھەر خىل ئىنكاسلار: ماغدۇرسىزلىنىش، ئاجىزلىشىش، كۆكرەك قىسمى بىئارام بولۇش، قىزىش قاتارلىقلار.

ئاخىرىدا، رېتسېپسىز دورا ۋە رېتسېپلىق دورا چۈشەندۈرمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپىدە، ئەگەر ئەسلىدىكى تەستىق چۈشەندۈرمىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەزمۇنى بۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەلىپىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەتراپلىق ياكى تېخىمۇ چىڭ بولسا، ئەسلىدىكى تەستىق مەزمۇنىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. چۈشەندۈرمىدىكى باشقا مەزمۇنلار يۇقارقى ئۆزگەرتىشكىرگۈزۈش تەلىپى بىلەن بىردەك بولمىسا، بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

نەنجىڭ شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا دورىگەرلىك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دورىگىرى جيې چيۇڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مۇرەككەپرېتسېپلىقزۇكامدورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرمىسىدە كۆپىنچە «ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى»تۈرى يوق ئىدى. ھالبۇكى «ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى» تۈرى كۆپ ھاللاردا شۇ دورىنىڭ ئېغىر ناچار تەسىرىنى ئەسكەرتىدۇ، بۇ دورىنىڭئېغىريوشۇرۇن بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇندۇر. جيې چيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى كۆپىنچە رېتسېپلىق دورىلارنىڭ چۈشەندۈرمىسىدە بولىدۇ، لېكىن مۇرەككەپ رېتسېپلىق زۇكام دورىلىرى ئادەتتە رېتسېپسىز دورا ھېسابلىنىدۇ. جيې چيۇڭ مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىم (مۇرەككەپ رېتسېپلىق زۇكام دورىلىرى) رېتسېپلىق دورا ۋە رېتسېپسىز دورا چۈشەندۈرمىسىدىكى «ئاگاھلاندۇرۇش سۆزى»نىڭ ھەممىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىمۇ بۇنىڭ كەڭ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەسكەرتىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، گۇيلىن سەنجىن دورىگەرلىكى، گۇاڭجوۋ بەييۈنشەن ۋە جىخۇاڭپۇ، خەينەن خۇلۇۋا دورىگەرلىكى قاتارلىق دورا كارخانىلىرىنىڭ مۇرەككەپ زۇكام تابلىتى تەستىق نومۇرى بار ئىكەن؛ خۇارۇن سەنجيۇ (چېنجوۋ) دورىگەرلىكى، سەنجىن گۇرۇھى خۇنەن سەنجىن دورىگەرلىكى، گۇاڭشى ۋېيۋېي دورىگەرلىكى قاتارلىقلارنىڭ مۇرەككەپ رېتسېپلىق زۇكام دانىچىسى تەستىق نومۇرى بار؛ گۇاڭجوۋ بەييۈنشەن جۇڭيى دورىگەرلىكىنىڭ مۇرەككەپ رېتسېپلىق زۇكام كاپسۇلى تەستىق نومۇرى بار ئىكەن.

دۆلەت دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: يۇقىرىقىدورىلارنى بازارغا سېلىش ئىجازىتى بارلار «دورىلارنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەلەپ بويىچە چۈشەندۈرمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. ئۆزگەرتىلگەن مەزمۇن دورا بەلگىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك؛ چۈشەندۈرمىسى ۋە بەلگىسىدىكى باشقا مەزمۇنلار ئەسلىدىكى تەستىقلانغان مەزمۇن بىلەن بىردەك بولۇش كېرەك. ئەنگە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارغا ئەسلىدىكى دورا چۈشەندۈرمىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. دورىنى بازارغا سېلىش ئىجازىتى بارلار ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىنكى توققۇز ئاي ئىچىدە زاۋۇتتىن چىققان دورىنىڭ چۈشەندۈرمىسى ۋە بەلگىسىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك.