导航切换

كۈندە بىر رەددىيە | شاپتۇل تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى يۇقىرى؟ شاپتۇل يېسە راستىنلا تۆمۈر تولۇقلامدۇ؟

日期:2024年07月19日
来源:天山网
【字体:


( سەل قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىندى )

«شاپتۇل تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى يۇقىرى، شاپتۇل يېسە تۆمۈر تولۇقلايدۇ»

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شاپتۇلنىڭتەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى مېۋىلەر ئىچىدە چېمپىيون بولۇپ، تۆمۈر تولۇقلايدىكەن، قان تولۇقلاشقا پايدىلىق ئىكەن.

پىتنە - ئىغۋا تەھلىلى

بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، شاپتۇلنىڭ تۆمۈر تولۇقلاش جەھەتتە ھېچقانداق رولى يوق، ئۇنىڭ تەركىبىدىكىتۆمۈر مىقدارى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنى پەقەت 0.3 مىللىگىرام/100 گىرام، يەنە تېخىئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك تۆمۈر بولۇپ، سۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىشنىسبىتىمۇ ناھايىتى ناچار.

خەلق ئارىسىدا شاپتۇل يېسە تۆمۈر ۋە قان تولۇقلايدۇ، دېگەن گەپ بار. ئەمەلىيەتتە، شاپتۇلنىڭ تۆمۈر تولۇقلاش جەھەتتە ھېچقانداق رولى يوق، تۆمۈر مىقدارى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، پەقەت 0.3 مىللىگىرام/100 گىرام، يەنە تېخى ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك تۆمۈر بولۇپ، سۈمۈرۈلۈپ پايدىلىنىش نىسبىتىمۇ ناھايىتى ناچار.

شاپتۇلنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى قانداق؟

شاپتۇلنىڭ دۆلىتىمىزدە ئۆستۈرۈلۈپ كېلىۋاتقىنىغا5000 يىل بولدى، ھازىر دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ شاپتۇل دۆلىتىگە ئايلاندى.شاپتۇلبىزنى يېمەكلىك تالاسى، كالىي، ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شاپتۇل تەركىبىدىكى ئېرىمەيدىغان يېمەكلىك تالاسىنىڭ مىقدارى بىر گىرام/100 گىرام بولۇپ، بۇ مىقدارئانچە گەۋدىلىك ئەمەس، ھەتتا ئالمىغىمۇ يەتمەيدۇ؛ كالىينىڭ مىقدارى 127 مىللىگىرام/100 گىرام بولۇپ، مېۋىلەر ئىچىدە ئوتتۇراھال سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ، گەرچە شاڭجاۋغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئالمىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ نۇرغۇن كىشىلەر مېۋە تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ جەھەتتە شاپتۇل سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، پەقەت 10 مىللىگىرام/100 گىرام كېلىدۇ، گەرچە ئالمىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن چېڭزى، بۆلجۈرگەن، مىخوۋتاۋ، پەنشىليۇ، كۈزلۈك چىلان قاتارلىق مېۋىلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ناچار.


شاپتۇلنىڭ قىسمەن ئوزۇقلۇق تەركىبى

لېكىن، شاپتۇل تەركىبىدە كۆپ خىل فېنول تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، بەزى تەتقىقاتلاردا شاپتۇل مېۋىسىدە جەمئىي 58 خىل فېنول تۈرىدىكى مېتابولىزم ماددىسى باھالاپ چىقىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە خلوروگېنىك كىسلاتا، كاتېخون، نېئولېئىك كىسلاتا، ئېپىكاتېخون شاپتۇل مېۋىسىدىكى ئاساسلىق فېنول تۈرىدىكى ماددىلار ھېسابلىنىدۇ. بۇ فېنول تۈرىدىكى ماددىلار ئوكسىدلىنىشقا، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، بەدىنىمىزنىڭ ئوكسىدلىنىپ زەخىملىنىشىنى يېنىكلىتىش، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى ئاستىلىتىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ ياردىمى بار.

توغرا يېسە «پايدا قىلىدۇ»، خاتا يېسە «زىيان»

شاپتۇلنى توغرا يېگەندە بەدەننى پايدىلىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئاتالمىش «پايدا قىلىش» رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن خاتا يېگەندەسالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىن.

1.ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن كۆپ يېسە ئوخشاشلا سەمىرىتىدۇ

شاپتۇلنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، بەلكى 42 كىلوكالورىيە/100 گىرام، ئاق توغاچ شاپتۇلنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، پەقەت 26 كىلوكالورىيە/100 گىرام كېلىدۇ. بۇ شاپتۇل يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەم بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشنى ئويلايدىغاندوستلارغا نىسبەتەن ناھايىتى «دوستانە». لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، كۆرەڭلەپ كەتمەڭ، شاپتۇلنى بەك كۆپ يېيىش ئوخشاشلا بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىسىز.

«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دىكى تەكلىپكە ئاساسلانغاندا، مېۋىنى ھەر كۈنى 350 ~ 200 گىرام ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش كېرەك، بىر تال توغاچ شاپتۇلنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 150 گىرام بولسا، بىر تال چوڭ شىرنىلىك شاپتۇلنىڭ ئېغىرلىقى 250 گىرامغا يېقىنلىشىدۇ.

2.مېۋە شەربىتى قىلماڭ

نۇرغۇن كىشىلەر شاپتۇلنى مېۋە شەربىتى قىلىپ بىۋاسىتە ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، مېۋە شەربىتى ئىچىش مېۋە يېگەنگە باراۋەر، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى ئوخشاش ئەمەس، بۇ خىل ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

ئالدى بىلەن، مېۋىنى سىقىپ مېۋە شەربىتىگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئېقىپ كېتىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ۋىتامىن C، تاماق تالاسى؛ ئىككىنچىدىن، مېۋە شىرنىسىدىكى قەنتلەرنىڭ ھەممىسى ئەركىن قەنت بولۇپ، ئەسلىدە يېڭى مېۋىلەردىكى قەنتلەرنىڭ ھەممىسى ھۈجەيرە ئىچىدە بولغاچقا، «ئىچكى مەنبەلىك قەنت» دەپ ئاتىلىدۇ، شىرنىنى سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن ھۈجەيرە دىۋارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، قەنت تەركىبى ھۈجەيرە سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، ئەركىن قەنتكە ئايلىنىدۇ، ئەركىن قەنتنىڭ قان شېكىرىگە بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، ئاسانلا قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە شەربىتىنى ئاسانلا ئىچىۋەتكىلى بولىدۇ، تويۇنۇش سېزىمى كۈچلۈك بولمايدۇ، ئىككى چوڭ ئىستاكاننى بىردەمدىلا ئىچىۋەتكىلىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئىككى تال چوڭ شاپتۇلنى بىۋاسىتە يەپ تۈگەتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئىككى تال چوڭ شاپتۇلدىن تەييارلانغان مېۋە شەربىتىنى ئىچىش ناھايىتى ئاسان بولىدۇ، بۇ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەمنى سەمىرىتىۋېتىشى مۇمكىن.

3.شاپتۇل مېغىزىنى يېمەڭ

بەزىلەر شاپتۇل يېگەندە ئىختىيارسىز شاپتۇل ئۇرۇقچىسىنى چىشلەپ، مېغىزىنى چىقىرىپ قويىدۇ، بەلكىم ئۇنى قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئورنىدا يەۋېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە شاپتۇل مېغىزىنى يېيىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، بەلكىمئۇنىڭ تەركىبىدەئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى گلىكوزىدى بولۇشى مۇمكىن. ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى گلۇكوزىدى ئەسلىدە زەھەرسىز، لېكىن ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ قۇرۇلمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ھىدرولىزلىنىپ زەھەرلىك ھىدروسىيانىك كىسلاتا ھاسىل قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ جىددىي زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.شاپتۇل تۈكىنىڭ رېئاكسىيەقېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كىشىلەرگە شاپتۇل تۈكى رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن، شاپتۇل تۈكى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قىچىشىش، قىزىرىپ ئىششىش، دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ھەتتا زىيادە سەزگۈرلۈك شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرگەتۈكى يوق توغاچ شاپتۇلنى تېتىپ بېقىشنى ياكى پەلەي كىيىپ شاپتۇل پوستىنى ئېلىۋېتىپ ئاندىن يېيىشتەۋسىيە قىلىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستلىرى ياردەملىشىپ شاپتۇل پوستىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.

بۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك، شاپتۇل يەنىلا بىزنىڭ ياز پەسلىدىكى ئىنتايىن يېيىشلىك مېۋىلىرىمىزنىڭ بىرى. ياز پەسلىدىكى شاپتۇلشىرنىلىك، خۇش پۇراقلىق، يۇمشاق بولۇپ، يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭلار!