导航切换

كۈندە بىر رەددىيە | يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى مەڭگۈلۈك «ساقايتالايدۇ»؟

日期:2024年07月19日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:


كۈندە بىر رەددىيە | يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى مەڭگۈلۈك «ساقايتالايدۇ»؟

پىتنە-ئىغۋا.

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش پەقەت گىرادۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى ۋاقتىنچە كۆزەينەك تاقىماسلىقنىلاكۆرسەتمەيدۇ. گەرچە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق بىمارلار ۋاقتىنچە كۆزەينەك تاقاشقا ئېھتىياجلىقبولسىمۇ، لېكىن، بۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پۈتۈنلەي ساقايغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇس مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر خىل سوزۇلماخاراكتېرلىك كېسەل. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزەتكەن تەقدىردىمۇ، كۆز ئوقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كۆز تېگىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى يەنىلا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئوپېراتسىيە پەقەت گىرادۇسنى تۆۋەنلىتىدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، لازېر نۇرى ئوپېراتسىيەسى گەرچە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلىسىمۇ، لېكىن ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بىمارلارنىڭ كۆز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىگە، ياخشى ئادەتنى ساقلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆزنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە دىققەت قىلمىسا، كۆزنى ئۇزاق ۋاقىت يېقىن ئارىلىققىلا ئىشلەتسە ياكى كۆزنى دەم ئالغۇزۇش كەمچىل بولسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى يەنە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئوپېراتسىيەسى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ، لېكىن يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى تۈپتىن ساقايتالمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تۈزەشنىڭ ۋاسىتىسى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئەمەس. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ياخشى بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتى ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈش يەنىلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

ئاپتور:ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:جىن شيۇمىڭ جېجياڭ داشۆ 2 - دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى