导航切换

ئانار ساغلاملىق | توڭلاتقۇ يېمەكلىكنى بىخەتەر ساقلايدىغان بىخەتەرلىك ئىشكاپى ئەمەس پىژغىرىم ياز پەسلىدە توڭلاتقۇنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم

日期:2024年07月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار ساغلاملىق | توڭلاتقۇ يېمەكلىكنى بىخەتەر ساقلايدىغان بىخەتەرلىك ئىشكاپى ئەمەس پىژغىرىم ياز پەسلىدە توڭلاتقۇنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىكئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ياز پەسلىدە توڭلاتقۇ ئىچىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، توڭلاتقۇ ئىچىگە يېمەكلىكلەرنى قويۇپ قويۇپلا كارى بولماسلىققاتېخىمۇ بولمايدۇ، توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ، يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي ساقلاش كېرەك.

توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاش

توڭلاتقۇدىكى باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يىغىلىدۇ، بولۇپمۇ ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. ھەر بىر-ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم توڭلاتقۇنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش، جۈملىدىن ئىچكى ۋە تاشقى قىسمىنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

يېمەكلىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ ساقلاش

خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىپ ساقلاپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېمەكلىكلەرنى ئوراپ قاچىلاشقا دىققەت قىلىپ، ئىمكانقەدەر ھىملىقى ياخشى قاچا ياكى يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسىنى ئىشلىتىپ، يېمەكلىكتىن چىققان سۇ پارىنىڭ توڭلاتقۇ ئىچكى قىسمىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، باكتېرىيە پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تېمپېراتۇرىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش

توڭلاتقۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن ياكى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. ئادەتتە سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 4 سېلىسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشى،توڭلىتىش بۆلۈمچىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 18 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توڭلاتقۇنىڭ گىرادۇس ئۆلچىگۈچىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ توغرىلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يېمەكلىك سۈپەت كاپالىتىمۇددىتىگە دىققەت قىلىش

گەرچە توڭلاتقۇ يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالىتى مۇددىتىنى ئۇزارتالسىمۇ، لېكىن بۇ يېمەكلىكنى مۇددەتسىز ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا، يېمەكلىكلەرنى ساقلىغاندا، ئۇنىڭ سۈپەت كاپالىتى مۇددىتىگە دىققەت قىلىش ھەمسۈپەت كاپالىتى مۇددىتى ئىچىدە تېزدىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. ۋاقتى ئۆتكەن ياكى سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش

خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ ئۈزۈل-كېسىل ئىسسىتىپبىر تەرەپ قىلىنمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ، قولنى پات-پات يۇيۇپ، كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

رەھمەت ئېيتىدىغان ئورۇن(شەخس): ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى)دىن سۇڭ نىڭ

نازارەتچىلەر: چاۋ جىن، فاڭ يۈنجىڭ

ئىشلىگۈچى: لى جېننەن

مەزمۇن تەييارلىغۇچى: يۈ مېڭفەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىكئورنى) ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ياز پەسلىدە توڭلاتقۇ ئىچىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، توڭلاتقۇ ئىچىگە يېمەكلىكلەرنى قويۇپ قويۇپلا كارى بولماسلىققا تېخىمۇ بولمايدۇ، توڭلاتقۇنى قەرەللىك تازىلاپ، يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي ساقلاش كېرەك.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى