ياشانغانلار ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچسا ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپئاغرىپ قالىدۇ، ئاچمىغۇدەك بولسىلا ئاچماسلىق لازىم؟
ئۇنداق ئەمەس.
ھەرگىز بۇنداق قىلماڭ. ناچار ھاۋارايىنىڭ ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئومۇميۈزلۈك ھەم كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ھېس قىلىشى، كۈندىلىك پائالىيىتى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى ھەتتا ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن چوڭ بولىدىكەن. ئادەتتە، سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەلگىلىك دائىرىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نىسپىي ھالدا تۇراقلىق بولىدۇ. ھالبۇكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپئادەم قېرىيدۇ، بۇ بىر يۈرۈش مېخانىزم بارغانسېرى ئاجىزلىشىدۇ، مەسىلەن، ياشانغانلارنىڭ تەر بېزىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، تېرىدىكى قانئېقىممىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياشانغانلارنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا دورا ئىچىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ياشانغانلار چوقۇم ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى كونتىرول قىلىشقا دىققەت قىلىشى، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا «زورمۇزور» چىداپ تۇرماسلىقى كېرەك. بەزى ياشانغانلار سوغۇق شامالدىن قورقسا، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىش ئېغىزىنى تەڭشەش، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال توسۇقىنى ئورنىتىش، ھاۋا ئايلاندۇرۇش شامالدۇرغۇچىنىماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، پىژغىرىم ئىسسىقتا ياشانغانلار يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك.
ئاپتور:ئىلمىيرەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:تاڭ چىن جۇڭخۇا تېببىي پەنلەر جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر تەتقىقاتچىسى، دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى
«ئىلمىيرەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى