ھەر يىلى تومۇز كۈنلىرى
دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلىنىدۇ
بەزىلەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش مۇسبەت قۇۋۋەتنى تولۇقلايدۇ، نەملىكنىيوقىتىدۇ دېسە،
بەزىلەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا ئورۇقلىغىلى بولىدۇ دەيدۇ، قاتارلىقلار
لېكىن يەنە بەزىلەر
دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش جەريانىدائىسسىق ئۆتۈپ قالغان دوستلار بار، دەيدۇ!
تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشنىڭزادى قانداق پايدىسى بار؟
كونكرېت قانداق ئاپتاپقا سېلىشكېرەك؟
قايسى كىشىلەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشقاماس كەلمەيدۇ؟
تېز كېلىپ كۆرۈپ باقايلى~
تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىپكۈتۈنۈش كۆرسەتمىسى
1.قايسى ۋاقىتتا دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشكېرەك؟
تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشنىڭ ۋاقتى سائەت 9:00 ~ 7:00غىچە ياكى 15:00دىن كېيىن بولسا بولىدۇ، قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغاندا ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئالدىغا ياكى ئارقىغا سۈرۈشكە بولىدۇ. ھەر كۈنى ئاپتاپقا قاقلانمىسىمۇ بولىدۇ، كۈن ئاتلاپ بىر قېتىم ئاپتاپقا قاقلانسىلا بولىدۇ.
دىققەت: دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا سەلتەرلىسىلا بولىدۇ،قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكۈچەقاقلىنىشقا بولمايدۇ. ئەگەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا تەر كۆپچىقسا ھەمدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش، پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، ئۇسساش، باش ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
2. دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشتا قايسى جاينىئاپتاپقا سېلىشكېرەك؟
تومۇز كۈنلىرى دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا ئاساسلىقى دۈمبىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن تۆۋەن قىسمىغىچە بولغان قىسىمنى ئاساس قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ئومۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دوۋساق تومۇرى پەللىسى ئاساس قىلىنىدۇ.
داجۇي پەللىسى: دۇمەي تومۇرى پەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، 7-بويۇن ئومۇرتقىسى بىسلىق ئۆسۈكچىسىنىڭ ئاستىدىكى ئويمان جايغا جايلاشقان.
ئومۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دوۋساق تومۇرى پەللىسى: ئومۇرتقا تۈۋرىكىنىڭئوتتۇرا قىسمىدىن تۆۋەن قىسمىغىچە، تەخمىنەن تاغاق سۆڭىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن بەل قىسمىغىچە بولىدۇ. بۇ پەللىلەر فېيشۇ، شىنشۇ، گەنشۇ، پىشۇ، شېنشۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مىڭمېن پەللىسى: كىندىكتىن ئارقىغا گورىزونتال سىزىق سىزغاندا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى بىلەن كېسىشكەن ئورۇن مىڭمېن پەللىسى بولىدۇ.
3. دۈمبىنى ئاپتاپقا قانچىلىك ۋاقىت سېلىشكېرەك؟
قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر قېتىم 30 ~ 15 مىنۇت دۈمبىنى ئاپتاپقا سالسا مۇۋاپىقبولىدۇ.
ياشانغانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ۋىتامىننى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن بىر قېتىمدىلا بەك ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا سېلىشقا بولمايدۇ، سەلتەر چىقسىلا بولىدۇ.
بالىلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولۇپ، بەدەن پەرقىگە ئاساسەن، ئەڭ ئۇزاقبولغاندا 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكتەۋسىيە قىلىنىدۇ.
4. دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشتاقانداق ئەپچىل چارىلەربار؟
ئاچ قورساق ھالەتتە دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشقا بولمايدۇ، ئاپتاپقا سېلىشتىن بۇرۇن ۋە ئاپتاپقا سېلىشتىنكېيىن مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ياكى ئازراقتۇز سېلىنغان سۇ ئىچىپ، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ خورىشىنى تولۇقلاش كېرەك.
دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا، رەڭگى سۇس، نېپىزرەك ئازادە كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ.
دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندا، ئاپتاپتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ باش، يۈز، كۆزنى ياخشى قوغداش كېرەك، باش كىيىمى كىيىش ياكى كۈنلۈك تۇتۇش ئارقىلىقباش قىسمىنى قوغدىغىلى بولىدۇ، ئەگەر دۈمبىنى ئاپتاپقا سالغاندادۈمبەيالىڭاچ بولسا، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈركەپ، ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
دىققەت: يورۇقلۇققا سەزگۈر يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: بۇغداش، چىڭسەي، قىچا، بوسەي، يازلىق بەسەي، لىمون، ماڭگو قاتارلىقلارنى يېگەندىن كېيىن،كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىپبولغاندىن كېيىن، تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، دەرھال يۇيۇنماسلىق ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ سالقىندىماسلىق، بەدەندىنتەر چىقمىغاندا ئاندىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىش ياكى يۇيۇنۇش كېرەك.
5. دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشھەممىلائادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ
دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى:
نەملىك ئېغىر، مۇسبەت قۇۋۋەت ئاجىزلاپ كەتكەن (ئاشقازىنى سوغۇقتىن قورقىدىغان، پۇت-قولى مۇزلايدىغان، روھسىز)، قارشىلىق كۈچى ئاجىزراق كىشىلەر دۈمبىنى مۇۋاپىق ئاپتاپقا سېلىپ بەرسەسالامەتلىككە بەلگىلىك پايدىسى بار.
دۈمبىنى ئاپتاپقا سېلىشقاماس كەلمەيدىغان كىشىلەر توپى:
ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر، يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى ئاغرىقلار، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى، ھامىلىدارلار دۈمبىنى ئاپتاپقا سالماسلىقى كېرەك.