导航切换

جانلىق تەڭشەلدى! داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنىڭ 2.0 نۇسخىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسىنى چۈشىنىۋېلىڭ

日期:2024年07月24日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

7- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ،داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى(كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش 2.0 نۇسخىسىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسى)نى تونۇشتۇردى.

2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش غەملىنىدىغان %90تىن ئارتۇق رايوندا كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى قانات يايدۇرۇلدى، بۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەنتەننەرخنىكونترول قىلىشى، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى.لېكىن ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان گۇرۇپپىلارغا ئايرىش دەل جايىدا بولماسلىق، كىلىنىكىغا يېقىن بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى گۇرۇپپىلارغا ئايرىشنى جانلىق تەڭشەپ، 2.0 نۇسخىدىكى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش لايىھەسىنى شەكىللەندۈردى.كېسەللىك گۇرۇپپىسى ۋە كېسەللىك تۈرى نومۇر قىممىتى بويىچە ھەق تۆلەش، تارىخىي سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىقدەل جايىدا ئۆلچەشداۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىتۈجۈپىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش دەرىجىسىنىئۆستۈرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ «كۆپ پۇل خەجلەش، كۆپ پۇل تېپىش» ئاساسىي ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەننەرخنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ.

(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لۇڭ شياۋچىن)