كونىلاردا «ياخشى دورا قىرتاق بولىدۇ، كېسەلگە شىپا قىلىدۇ» دېگەن گەپ بار. جۇڭيى دورىسى ئىچىش تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ «قىرتاق» تەمى ھەققىدە سۆزلىشىپ چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن بىمارلاردا مۇنداق گۇمان بار: جۇڭيى سۇيۇق دورىلىرىغا شېكەر قوشۇپ تەمىنى ياخشىلاپ ئىچىشكە بولامدۇ؟
شېكەر بىر خىل جۇڭيى دورىسى
جۇڭگو تېبابەتچىلىكى - دورىگەرلىكى نەزەرىيەسىدە، شېكەر بىر خىل دورا دەپ قارىلىدۇ. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق تېۋىپ جاڭ جۇڭجىڭنىڭ «كېزىك مۇرەككەپ كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن شياۋجيەن جۇڭيى سۇيۇق دورىسىداشېكەردىن ئىبارەت بۇ جۇڭيى دورىسى بار. شېكەرنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، تال، ئاشقازان، ئۆپكە جىڭلولىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈك پەيدا قىلىپ قۇرغاقلىقنى نەمدەش رولىغا ئىگە. شياۋجيەن جۇڭيى سۇيۇق دورىسىداشېكەر ئاساسلىق دورا قىلىنغان بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، تال ۋە ئاشقازاننى ئاسراشقا ئىشلىتىلگەن.
شېكەر قوشۇش دورا ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن
ئوخشاش بولمىغان قەنت تۈرىدىكىلەرنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتى ۋە رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەگەر جۇڭيى سۇيۇق دورىسىغا خالىغانچە قوشقاندا، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئاق شېكەرنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ھۆللۈك پەيدا قىلىپ قۇرغاقلىقنى نەمدەش رولىغا ئىگە، بەلغەم ۋە ھۆللۈك بارلار ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. قارا شېكەرنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇپ ئۇيۇغان قاننى ئېرىتىش رولىغا ئىگە. ئەگەر بەلغەمنى بوشىتىدىغان شياۋچىڭلۇڭ سۇيۇق دورىسىغائاق شېكەر، قىرتاق، تەمى سوغۇق دورىلار بىلەنئىسسىقنى تارقىتىپ، تاش بەدەندىكى ئىللەتلەرنى يوقىتىدىغان دورايىنچياۋسەنگە قارا شېكەر قوشۇلسا، دورىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قەنت تۈرىدىكىلەردە، بولۇپمۇ قارا شېكەر تەركىبىدە تۆمۈر، كالتسىي ئىيونلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ ئىيونلار جۇڭيى سۇيۇق دورىلىرىدىكى ئاقسىل، تاننىن قاتارلىق تەركىبلەر بىلەن بىرىكىپ خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
بەزى جۇڭيى سۇيۇق دورىلىرىغا شېكەر قوشۇشقا بولسىمۇ، شېكەرنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇزاق مۇددەت ياكى كۆپ مىقداردا شېكەر قوشۇلسا تالنى زەخىملەندۈرۈپ، ئىسسىقنى ئاشۇرۇپ، بەلغەم پەيدا قىلىپ، ئادەمدە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى، ھۆل ئىسسىق بەدەنلىك كىشىلەر، شۇنداقلا تىل گېزى قېلىن ھەم مايلىق، زۇكامدىن كېيىن بەلغەم كۆپ بولغان بالىلار جۇڭيى سۇيۇق دورىلىرىنى ئىچكەندە شېكەر قوشماسلىقى كېرەك.
«قىرتاق تەمنى يېنىكلىتىش»نى سىناپ بېقىڭ
ئەگەر جۇڭيى سۇيۇق دورىسىنىڭ قىرتاق تەمىگە بەرداشلىق بېرەلمىسىڭىز،تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىزبولىدۇ.
1.دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 ~ 40 سېلسىيە گىرادۇستا بولغاندا ئاندىنئىچىش.
2. دورا سۇيۇقلۇقىنى بىراقلا ئىچىۋېتىش، بىر يۇتۇم - بىر يۇتۇمدىن ئىچمەسلىك، دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىش.
3. دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ تىل ئۇچى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش، دورا سۇيۇقلۇقىنى تىل تۈۋىگە سېلىپ، ئاندىن تېز سۈرئەتتە يۇتۇۋېتىش.
4. جۇڭيى دورىسى ئىچكەندىن كېيىن بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىۋېتىش.
قىسقىسى، جۇڭيى سۇيۇق دورىلىرىغا شېكەر قوشۇش - قوشماسلىقنى دورىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە شەخسنىڭ تەن ساپاسىغا ئاساسەن بەلگىلەش كېرەك، كۆپچىلىك جۇڭيى دوختۇرى ياكى جۇڭيى دورىگەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلمىي دورا ئىچىشى كېرەك.