导航切换

بۇ خىل كۆكتاتنىڭ سىئانىدىن مىقدارى لەنمنېينىڭكىدىن يۇقىرى! يازدا سوغۇق سەي قىلىپ يېسە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم مەززىلىك بولىدۇ ←

日期:2024年07月30日
来源:天山网
【字体:

ياز كەلسىلا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ. ئەمما بىر خىل كۆكتاتنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئەڭ مۇھىمى سوغۇق سەي قىلىپ يېسە ناھايىتى تەملىك بولىدۇ، ئۇ دەل سۆسۈن لاڭخا.


سۆسۈن لاڭخا نۇرغۇن ماي ئازايتىدىغان تاماقلارنىڭ «دائىملىق مېھمىنى»، ئۇنى ماسلاشتۇرغاندا قورۇمىلارنىڭ رەڭگىنى تېز ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كىشىنى شۇنچە جەلپ قىلىدىغان تاشقى قىياپەت ئاستىدا، زادى قانداق ئالاھىدە ئوزۇقلۇقلار بار؟ ئۇنى كۆپ يېيىشنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟ بۈگۈن بىز بۇنى چۈشىنىپ باقايلى.

سۆسۈن لاڭخانىڭ قانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى بار؟

سۆسۈن لاڭخايەنەسۆسۈن كاپۇستادەپمۇ ئاتىلىدۇ، يوپۇرمىقى سۆسۈن رەڭدە بولۇپ، كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى سۇزاپ ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كاپۇستا ئۆزگەرگەن تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ ئېلىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە ناھايىتى قارشى ئېلىنىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، قورۇمىلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرىدۇ، ئوزۇقلۇقىمۇ ياخشى، ئۇنى بىز دائىم يەيدىغان لاڭخاغاسېلىشتۇرغاندا رەڭگى ئوخشىمىغاندىن باشقا، ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ ئوخشىمايدۇ، گەرچە كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىدە پەرق چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن سۆسۈن كاللەكبەسەيدىكى ۋىتامىن C، مىنېرال ماددا كالىي ۋە كالتسىي مىقدارى كاپۇستىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى.

1.ۋىتامىن C

سۆسۈن لاڭخادىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 26 مىللىگىرام/100 گىرام بولۇپ، بەسەينىڭ 1.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

2.كالىي

كاپۇستىدىكى كالىي مىقدارى پەقەت 46 مىللىگىرام/100 گىرام، لېكىن سۆسۈن لاڭخانىڭ كالىي مىقدارى 177 مىللىگىرام/100 گىرام بولۇپ، كاپۇستىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە، قان بېسىمىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ياردىمى بولىدۇ.

3.كالتسىي

گەرچە كۆكتاتلارنىڭ كالتسىي تولۇقلاش نىسبىتى كالا سۈتىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئازدۇر - كۆپتۇر تولۇقلىغىلى بولىدۇ. سۆسۈن لاڭخادىكى كالتسىي مىقدارى كاپۇستىنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولۇپ، 65 مىللىگرام/100 گىرام، كاپۇستىنىڭكىنىڭ 2.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

4.سىئانىدىن

سۆسۈن لاڭخا بىلەن كاپۇستا رەڭ پەرقىنىڭ بىر قەدەر چوڭ بولۇشىدىكى سەۋەب، سۆسۈن لاڭخادا سىئانىدىن مول، بۇمۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئوزۇقلۇق ئالاھىدىلىكى. كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە سىئانىدىن مىقدارى يۇقىرى بولغان ئەينۇلانىڭ مىقدارى ئومۇميۈزلۈك 325 ~ 72 مىللىگىرام/100 گىرام، سۆسۈن لاڭخانىڭ سىئانىدىن مىقدارى 322 ~ 90.5 مىللىگىرام/100 گىرام بولۇپ، بۇ مىقدارى كۆكتات، مېۋە - چىۋە ساھەسىدىمۇ ناھايىتى ئەۋزەللىككە ئىگە.


سىئانىدىن ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە، سىئانىدىن تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى ياللۇغ بەلگە ماددىلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداپ، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قاراڭغۇ مۇھىتقا تېزدىن ئۇيغۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ياخشىلاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاشتىن كېلىپ چىققان كۆرۈش قۇۋۋىتى غۇۋالىقىنى پەسەيتىدۇ.

ئىسسىقلىق مىقدارىغا كەلسەك، سۆسۈن لاڭخا بىلەن كاپۇستىنىڭ ئىككىلىسىنىڭئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پەقەت 25 كىلوكالورىيە/100 گىرام ۋە 17 كىلوكالورىيە/100 گىرام بولۇپ، بۇ بەسەينىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، ئورۇقلايدىغاندوستلار خاتىرجەم يېسە بولىدۇ. سۆسۈن لاڭخانىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، بىز ماينى ئازايتىدىغان تاماقلاردا دائىم ئۇنىڭ «سىما»سىنى كۆرەلەيمىز.

سۆسۈن لاڭخاۋە كاپۇستىنىڭقىسمەن ئوزۇقلۇق سېلىشتۇرمىسى


دائىمسۆسۈن لاڭخا يەپ بەرسەبۇنداق پايدىسى بار

سۆسۈن لاڭخانى دائىم يەپ بېرىش بەدىنىمىزنىڭ ئوكسىدلىنىشقا، ياللۇغقا قارشى تۇرۇشىغا، قېرىشنى كېچىكتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا يۈرەك قان تومۇرلىرىنى ئاسرايدۇ ۋە ئورۇقلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەنگە ئىككى خىل پايدىسى بار.

1.كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

سۆسۈن لاڭخا كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنىڭ بىر خىلى بولۇپ، تەركىبىدە ئىزوتىئوسىئانات بار، بۇ خىل ماددا كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىكى ئۆسمىگە قارشى ئاكتىپ تەركىب. تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلغاندا راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، مەسىلەن، ئاشقازان راكى، سۈت بېزى راكى، ئۆپكە راكى قاتارلىقلار.

2.ئۈچەي يولى ساغلاملىقىنى ياخشىلاش

«خەلقئارا مولېكۇلا ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، سۆسۈن لاڭخا شەربىتى تەركىبىدە كۆپ خىل بىئولوگىيەلىك ئاكتىپ بىرىكمىلەر بولۇپ، چاشقاننىڭ ئۈچەي ساغلاملىقىنى ياخشىلايدىكەن ھەمدە ياللۇغلۇق ئۈچەي كېسەللىكىگە ئالاقىدار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئاستىلىتىدىكەن.

بۇ ئاساسلىقى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ موللۇقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەركىبىنى ئۆزگەرتىپ، قىسقا زەنجىرلىك ياغ كىسلاتاسى ۋە باشقا باكتېرىيەلەردىن ھاسىل بولغان مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئاشۇرۇپ، ياللۇغلىنىش ئىپادىسىنى ئاستىلىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئورگانىزمنىڭ ئۈچەي يولى زەخىملىنىشى ۋە بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشىنى يېنىكلىتىدۇ.

سۆسۈن لاڭخانى بۇنداق يېسە يېيىشلىك ھەم ساغلام

سۆسۈن لاڭخانى يېيىش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ، مەيلى پىشۇرۇپ يېسۇن ياكى بىۋاستە خام يېسۇن ھەممىسى ياخشى.

1.سوغۇق سەي قىلىپ يېيىش

تەمى چۈرۈك، ئوزۇقلۇقى تولۇق ساقلىنىدۇ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. سۆسۈن لاڭخانى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغراپ بىۋاسىتەيېسە بولىدۇ.

بەزىلەر كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنى خام يېسە قالقانسىمان بەزنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن. كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلاردىكى ئىزوتىئوسىئانات تىئوگلۇكوزىدنىڭ بىر چوڭ تۈردىكى ھىدرولىزلانغان مەھسۇلاتى بولۇپ، قالقانسىمان بەزنىڭ يودنى سۈمۈرۈشىنى تورمۇزلايدۇ. يودنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا، ئەگەر كۆپ مىقداردا كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنى قوبۇل قىلسا، قالقانسىمان بەز ئىششىقىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىز بەك ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، قالقانسىمان بەز كېسىلى بولمىغان ساغلام كىشىلەر بەزىدە بىر كۈندە 100 گىرام سۆسۈن لاڭخانى خام يەپ بەرسە قالقانسىمان بەزنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

2.پىشۇرۇپ يېيىش

بەزىلەر سۆسۈن لاڭخانى خام يېيىشكە كۆنەلمەيدۇ، ئۇنى پىشۇرۇپ يېيىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. سۆسۈن لاڭخا پىشقاندىن كېيىن بولسا كۆك ياكى سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ، ئىشتىھانى سەل تۇتۇپ قويغاندەك ھېس قىلىمىز، چۈنكى سۆسۈن لاڭخادىكى سىئانىدىن ئاسانلا ئىسسىقلىقتىن پارچىلىنىدۇ، بۇمۇ سۆسۈن لاڭخادىكى سىئانىدىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆسۈن لاڭخا تەركىبىدىكى سىئانىدىن مايدا پىشۇرۇلغان (ئۈچ سېكۇنت) ئەھۋالدا %60.58، قورۇلغان (ئۈچ مىنۇت) ئەھۋالدا%56.96، مىكرو دولقۇن (ئۈچ مىنۇت)دا %47.16 زىيانغا ئۇچرايدىكەن.يۇقىرىقى ئۈچ خىل پىشۇرۇش ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، قاينىتىش (ئۈچ مىنۇت) ۋە ھورداش (ئۈچ مىنۇت)تا زىيانغا ئۇچرايدىغىنى نىسبەتەن ئاز بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %21.54 ۋە %22.55 بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆسۈن لاڭخانى بەش مىنۇت دۈملەپ پىشۇرغاندا، %97 ۋىتامىن C يەنىلا بولىدۇ، 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرسىمۇ %91 بولىدۇ.

شۇڭا، ئەگەر پىشۇرۇلغان سۆسۈن لاڭخانى يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ھوردا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىمىز. سۆسۈن لاڭخانىڭ ئوچۇق رەڭگىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئازراق ئاچچىقسۇ ياكى لىمون شەربىتى قويۇپ سىناپ باقسا بولىدۇ، چۈنكى سۆسۈن لاڭخا پىگمېنتى pH قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، pH = 1دە پىگمېنتنىڭ ساقلىنىش نىسبىتى %100كە يېقىنلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەڭگى ئوچۇق، ياخشى ساقلانسا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ؛ PH قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، پىگمېنتنىڭ ساقلىنىش نىسبىتى تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ، رەڭگى تەدرىجىي ھالدا ئەتىرگۈل رەڭگىدىن بىنەپشە رەڭگە، ئاندىن سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

خۇلاسە:

سۆسۈن لاڭخانىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپلا قالماي، يەنە كۆكتات ساھەسىدىكى ئېسىل مەھسۇلات. دائىم يەپ بەرسە يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرايدۇ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغقا قارشى تۇرىدۇ، ئۈچەينى ئاسرايدۇ. بىراق، كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، يەنىلا يېمەك - ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، باشقا يېمەكلىكلەرنىمۇ مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش كېرەك.

ئۇنداقتا سىز سۆسۈن لاڭخانى خام يېيىشنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى پىشۇرۇپ يېيىشنىمۇ؟