ئاشقازان يېگەنسېرى چوڭىيىپ، يېمىگەنسېرى كىچىكلەيدۇ؟
توغرا ئەمەس.
ئاشقازاننىڭ ھەجىمى بەلگىلىك سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە، لېكىن ئۇ ئۇزاق مۇددەت كۆپ يېيىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ چوڭىيىپ كەتمەيدۇ، ئاچ يۈرۈش سەۋەبىدىن تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتمەيدۇ.
ئۇزاق مۇددەت زىيادە كۆپ تاماق يېگەندە ئاشقازان دىۋارىدىكى مۇسكۇل ۋە نېرۋىلارنىڭ ماسلىشىشى كۈچىيىپ، كېڭىيىش ئىقتىدارى سەل ئېشىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىنتايىن چەكلىك بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۇزاق مۇددەت ئاچ يۈرۈش ياكى يېمەك - ئىچمەككە چەك قويۇشئىشتىھانى تۆۋەنلىتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن بۇ ئاشقازاننىڭ ئەمەلىي كىچىكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، يەنە ئاشقازاننىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئىنتايىن پايدىسىز.
بىزنىڭ بەزىدە ئىشتىھايىمىز ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاچلىق ۋە تويۇش مېخانىزمى نېرۋا سىستېمىسى ۋە ھورمۇنلارنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدۇ.
شۇڭا، تويغۇچە يېيىش ياكى ئاز يېيىش ئاشقازاننىڭ ئەمەلىي چوڭ - كىچىكلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بىز قانۇنىيەتلىك يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاپ، زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىۋېلىشتىن ياكى ئۇزاق مۇددەت ئاچ يۈرۈشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك، مانا بۇ ئاشقازان ساغلاملىقىنى قوغداشنىڭ ئاچقۇچى.
ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:
رۇەن گۇاڭفېڭ كېشىن يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى