导航切换

بۇ تۆت ئورۇندىن تەر كۆپ چىقسا سالامەتلىكتىن مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن! تېز ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ (1)

日期:2024年06月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يازدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاچقا

ئادەم بەدىنى ئوڭاي تەرلەيدۇ

تەرلەش راستتىنلا زەھەرنى ھەيدەپ، ھۆللۈكنى يوقىتامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يازدا زىيادە كۆپ تەرلەش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؟

ئوخشاش بولمىغان ئورۇندىن تەر كۆپ چىقىش

سالامەتلىكتىنبېرىلگەن سىگنالمۇ؟

كۆپ تەرلىگەندە نېمە ئىچسە ياخشى؟

تېز، بىللە كۆرۈپ باقايلى ~

 تەرلەش راستتىنلا زەھەرنى ھەيدەپ، ھۆللۈكنى يوقىتامدۇ؟

 بەدەندىن چىققان تەر ئادەمنىڭ تېرە تەر بەزلىرى ئارقىلىق ئاجرىتىپ چىقىرىلغان تەر سۇيۇقلۇقى، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى بىر خىل نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاس، بەدەننىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى سۇنى سىرتقا چىقىرىش يوللىرىنىڭ بىرى، شۇڭا تەرلەش بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ۋە بەدەندىكى سۇنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردا تەرلەش سالامەتلىككە پايدىلىق

 بەدىنىمىزدە، بىر قىسىم مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى بولىدۇ، ئەگەر بۇ بىر قىسىم مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنەپەسلىنىش سىستېمىسى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى، تېرە ئارقىلىقبەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلمىسە، بەدەندە «ئەخلەت» بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

 كۆپلىگەن كىشى ئادەتتە ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ، ياز پەسلىدە ئۇزاق مەزگىل ھاۋا تەڭشىگۈچ بار مۇھىتتا تۇرغاندا، تەرلەش پۇرسىتى بولمايدۇ. شۇڭا، ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرى تەرنىڭ ئېقىپ چىقىشى ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ كېتەلمەي بەدەنگە يىغىلىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتامۇۋاپىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغاندا، تەرلەشكە ياردەم بېرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا،يازدا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق تەر چىقىرىش، «سوغۇقنى ھەيدەپ، نەملىكنى يوقىتىش»تىكىبىر قەدەر ياخشى ئۇسۇلدۇر.كۈزنىڭ سۆرۈن ھاۋاسى، قىشنىڭ سوغۇقى، باھارنىڭ ئىللىقلىقىدىن كېيىن، بەدەندە سوغۇق، نەملىك يىغىلىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا، قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ، سۇ مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆللۈكنى تەر بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

 شۇڭا،يازدا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق مىقداردا تەر چىقىرىشنىڭ زەھەرنى ھەيدەش، ھۆللۈكنى يوقىتىشقا بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ، سالامەتلىككە پايدىلىق، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، زىيادە كۆپ تەرلەشمۇ سالامەتلىككە پايدىسىز.

تەر خىلىتنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، قان بىلەن خىلىتنىڭ مەنبەسى بىر، كۆپ تەرلىسە،خىلىتنى زەخىملەندۈرۈپ، روھسىزلاندۇرۇپ، ماغدۇرسىزلىق ۋە مەنپىيلىك زەئىپلىشىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىز قۇرۇش، تىل قۇرغاقلىشىش، ئىچى تىتىلداش، يۈرەك سىقىلىش، ھارغىنلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ تەرلەش يەنەبەدەننىڭ سۇسىزلىنىشى ياكى ئېلېكتىرولىتلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

شۇڭا، كۆپ مىقداردا تەرلىگەندىن كېيىن، ۋاقتىداسۇ ۋە ئېلېكتىرولىتلارنى تولۇقلاش، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەپ،خىلىت پەيدا قىلىش رولىغا ئىگە دورا ماتېرىياللىرىنى،مەسىلەن، خام ئەگرىسۇناي،بۇسات ئوتى، شىقىلداق، شاقاقۇل، گۈلسامساق قاتارلىقلارنىمۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇ، بەدەندىكى خورىغان خىلىتنى تولۇقلاشقا پايدىلىق.

بۇ تۆت ئورۇندىن تەر كۆپچىقسا سالامەتلىكتىن مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن

 1. قول- پۇت:

ئورۇن:ئاساسلىقى ئىككى قول، ئىككى پۇتتا كۆرۈلىدۇ، كىلىنىكىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئېغىر بولغاندا قولىنى سوزغاندا، تەر ھەتتا سۇ تامچىسىدەك تامچىلايدۇ.

سەۋەبى:تالنىڭ ئىقتىدارى پۇت- قوللارنىڭ ھەرىكىتىگە تايىنىدۇ،پۇت- قوللارنىڭ تەرلىشىنىڭ تال ۋە ئاشقازان بىلەن مۇناسىۋىتى تېخىمۇ چوڭراق بولىدۇ. تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىشىشى، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھۆل ئىسسىق بولۇشى پۇت - قوللارنىڭ تەرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 2. باش:

ئورۇن:باش تەرلەش كىلىنىكىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئاساسلىقى باش، بويۇن، پېشانىسى تەرلەيدۇ.

سەۋەبى:بۇنداق كىشىلەرنىڭ بەدىنى ھۆل ئىسسىق مىزاجلىق بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە مايلىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ مىجەزى چۇس بولىدۇ. باشنىڭ تەرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىغىلغان ھۆل ئىسسىقنىڭ ئادەم باش قىسمىداپارغا ئايلىنىشى، باشنى ئىسسىق قاپلاش ئەڭكۆپ كۆرۈلىدۇ. باش تەرلەش يۈرەك، جىگەر، ئۆت، تال ۋە ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

 3. كۆكسىنىڭ ئوتتۇرىسى:

ئورۇق:ئاساسلىقى يۈرەك ئويمىنى، يەنە ئىككى كۆكسىنىڭ ئارىلىقىدا كۆرۈلىدۇ.

سەۋەبى:ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ چارچاپ، غەم- ئەندىشە كۆپ بولۇپ، يۈرەك قۇۋۋىتى نىسبەتەن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.

 داۋالاش ئۇسۇلى:ئادەتتە قانتېپەرنى سۇغا چىلاپ ئىچسە بولىدۇ.

 4. بۇرۇن:

ئورۇن:ئادەتتە قاڭشار، بۇرۇن قانىتىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ.

 سەۋەبى:بۇرۇن ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بۇرۇننىڭ كۆپ تەرلىشى ئۆپكە بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆپكە قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولمىسا، ئۆپكە قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇرۇننىڭنورمالسىز تەرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 داۋالاش ئۇسۇلى:ئۆپكىنىڭ كۈچەش ئىقتىدارى ئاجىزلارئادەتتە كۆپرەك چوڭقۇر نەپەس ئېلىش مەشىقىنى قىلىپ بەرسە، ئۇنىڭدىن باشقا، كەتىرانى سۇغا چىلاپ ئىچسە بولىدۇ.

(داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى