يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى سەككىز خاتا قاراش (2)

日期:2024年06月26日
来源:天山网
【字体:

(بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ)

بەشىنچى خاتا قاراش: كىچىك كۆيۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز، ناھايىتى تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ

يارا ئېغىزىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغىنى يارا ئېغىزىنىڭ كۆلىمىلا ئەمەس، چوڭقۇرلۇقىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، گىرېلكىدىن، ئەمەن بىلەن داغلاشتىن، نۇەنباۋباۋدىن كۆيۈپ يارىلىنىش تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق كۆيۈك ھېسابلىنىدۇ. قارىماققا كىچىك سۇلۇق قاپارتما بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ساقىيىشى ناھايىتى تەس، تەكرار يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا توغرا بولغان دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئۆز سەزگۈسىگە تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

يەنە بەزى كىچىك يارا ئېغىزلىرىنىڭ ئاقىۋىتى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق كۆيۈك يارىسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ، مەسىلەن، ھىدروفتورىك كىسلاتا بىلەن كۆيۈپ يارىلىنىش سۆڭەكنى ئېرىتىۋېتىدۇ، توك سوقۇش يۈرەكنى سوقۇشتىن توختىتىپ قويىدۇ، دىيابېت پۇتنىڭ نېكروزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قاتارلىقلار.

ئالتىنچى خاتا قاراش: سۇلۇق قاپارتمىنى يىرتىۋەتكەندىن كېيىن تارتۇق قالىدۇ

ئادەتتە پەقەت كىچىك تىرناقچىلىك كېلىدىغان كىچىك سۇلۇق قاپارتمىدىلا سۇلۇق قاپارتما تېرىسىنى ساقلاپ قېلىنىدۇ، سەل چوڭراق سۇلۇق قاپارتمىدىن «تۆشۈك ئېچىپ» سۈيىنى ئاققۇزۇۋېتىش كېرەك، يەنىمۇ چوڭراق بولسا ئەڭ ياخشىسى ھەممىسىنى ئېلىۋېتىش كېرەك، چۈنكى سۇلۇق قاپارتما سۇيۇقلۇقى سۇلۇق قاپارتمىغا يىغىلىپ قالسا، ئاسانلا جاراھەت يۈزى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەتتىنچى خاتا قاراش: كۆيۈك مەلھىمى ئىشلەتكەندە يارا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك تۇيغۇ بولىدۇ

نۇرغۇن كىشى دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە: «دورىخانىدىن كۆيۈك يارىسى مەلھىمى سېتىۋالغان ئىدىم، سۈركىسەم ئازراقمۇ پايدىسى بولمىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى»، دەپ ئاغرىنىدۇ. بەزىدە ھەقىقەتەن دورا ماس كەلمەيدىغان ئامىللار مەۋجۇت بولىدۇ، مەسىلەن، بەزى بىر قەدەر ئېغىر كۆيۈك يارىسىغا رېتسېپسىز مايلىق مەلھەم دورا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. يەنە بىر ئامىلمۇ ناھايىتى مۇھىم، ئۇ بولسىمۇ يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىش جەريانى ھەر كۈنى سىجىل ياخشىلىنىدىغان جەريان ئەمەس، ساقىيىش سىزىقلىق جەريان ئەمەس.

زەخىملىنىپ ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولغان ۋاقىت كېسەللىك ئالامەتلىرى تەدرىجىي ئېغىرلىشىدىغان باسقۇچ بولۇپ، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ، يارا ئېغىزى تەدرىجىي قىزىرىپ ئىششىيدۇ، ئاغرىيدۇ. مەسىلەن، مۇنتىزىم داۋالانغاندىن كېيىن بەش كۈندىلا ئاساسىي جەھەتتىن ساقىيىپ كېتىدىغان تېيىز دەرىجىلىك كۆيۈك يارىسىنىڭ 3- ۋە 4- كۈنلىرى جاراھەت يۈزى ئەتراپى روشەن قىزىرىدۇ، ئىششىيدۇ. شۇڭا، توغرا مەلھەم دورا ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى باسقۇچىدىن يەنىلا ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىدىكى تەبىئىي جەريان، ئەمما، ئاسانلا مەلھەم دورا سۈركىگەندىن كېيىن ئەكسىچە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىلىپ قالىدۇ.

سەككىزىنچى خاتا قاراش: قىزىش يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىدىن بولىدۇ

ئېغىر يارا ئېغىزى يۇقۇملانسا قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن قىزىش يۇقۇملانغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يارا ئېغىزى زەخىملەنگەندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى كۆرۈلىدۇ. كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، چوڭقۇرلۇقى بىر قەدەر چوڭقۇر بولغان يارا ئېغىزى بۇ مەزگىلدە ئاسانلا قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ نورمال ھادىسە بولۇپ، جاراھەت يۈزىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس، بەلكى جاراھەت يۈزىدىكى توكسىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىدۇر. بولۇپمۇ، بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، ئاسانلا يۇقىرى قىزىتما پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەقەت سۇسىزلىنىش ۋە تارتىشىش قاتارلىق يۇقىرى قىزىتما كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالسىلا بولىدۇ، مۇنتىزىم داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، يۇقۇملىنىش مەسىلىسىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىك كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، خەلق ئىچىدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتا بولۇشى ناتايىن، مەسىلەن، «ئەڭلىكئوت مېيى» خەلق ئىچىدىن كەلگەن بىر خىل دورا بولۇپ، ئۇ كېيىنكى مەزگىلدىكى يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىدا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. بىراق قاتناش قولايلىق، داۋالاش مۇھىتى ئەۋزەل ئەھۋالدا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارا ئېغىزى پەيدا بولۇپ قالسا، يەنىلا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانسا ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ياشانغانلار «كونا قاراش»، «كونا تونۇش»نى چۆرۈپ تاشلاپ، بالىلاردىكى يارا ئېغىزىغا ئۇنداق ياكى مۇنداق ماددىلارنى سۈرتمەي، دوختۇرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىشى كېرەك.(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى