كونىلاردا «ئەتىيازدا گۈل، يازدا قوغۇن- قاپاق يېيىش كېرەك» دېگەن گەپ بار. ياز كىرگەندىن كېيىن، تاۋۇز كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان مېۋە بولۇپ قالىدۇ. بەزىلەر تىلىپ پارچىلاپ قويغان تاۋۇزنى سېتىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر يەپ بولالمىغان تاۋۇزنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ، كېيىنكى قېتىم ياكى ئىككىنچى كۈنى يەيدۇ. لېكىن، «بىر كېچە تۇرۇپ قالغان بىر پارچە تاۋۇز ئۈچەيدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ»، «بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنى يەپ ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ»، «بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزدا نەچچە يۈز مىليون باكتېرىيە بولىدۇ» دېگەندەك خەۋەرلەر دائىم پەيدا بولىدۇ، ئۇنداقتا، بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇز بىر كېچە قويۇپ قويۇلغان تاۋۇزمۇ؟ بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنى زادى يېگىلى بولامدۇ- بولمامدۇ؟
«بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېمەكلىك» دېگەننى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېمەكلىك دېگىنىمىز، شۇ كۈنى يەپ بولالماي، ئەتىسىگە قويۇپ قويغان يېمەكلىكلەرنىلا كۆرسەتمەيدۇ. قويۇپ قويۇلغان ۋاقتى 8 - 10 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تاۋۇزنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا تىلىپ، كەچ سائەت 8دە يېسە، گەرچە بىر كېچە تۇرۇپ قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن قويۇپ قويغان ۋاقتى 10 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەچكە، «بىر كېچە تۇرۇپ قالغان» تاۋۇز ھېسابلىنىدۇ. بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنى ئىستېمال قىلىش- قىلماسلىق، ئاساسلىقى، تاۋۇز تىلغان پىچاق ۋە يېپىپ قويغان نەرسىنىڭ پاكىز- پاكىز ئەمەسلىكى، تىلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ئورنىغا قويغان- قويمىغانلىقى، توڭلاتقۇدا گىرەلەشمە بۇلغىنىشنىڭ بار- يوقلۇقى ۋە ساقلاش ۋاقتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تاۋۇز ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا
كۆپچىلىك يازدا تاۋۇز ئىستېمال قىلغاندا، تاۋۇزنى مۇۋاپىق، ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. تاۋۇز يېگەندە ساغلاملىقنى ۋە تەمىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئويلاشقاندا، چوقۇم تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
يازدا تاۋۇزنى قانداق قىلغاندا ساغلام ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ؟
تاۋۇز سېتىۋېلىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتا
ئامال بار تىلىپ قويۇلغان تاۋۇزنى سېتىۋالماي، ئەڭ ياخشىسى يېڭى، پۈتۈن تاۋۇزنى سېتىۋېلىش كېرەك، چۈنكى تىلىپ قويۇلغان تاۋۇزنىڭ قانچىلىك ۋاقىت قويۇپ قويۇلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەگەر پۈتۈن بىر تاۋۇزنى يەپ بولالمىسا، بىرەرسى بىلەن بىرلىشىپ بىر تاۋۇزنى بىرلىكتە سېتىۋېلىپ، نەق مەيداندا بۆلۈپ، ئۆيگە ئاپىرىپ دەرھال توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇش ھەم تېزراق يەۋېتىش كېرەك. ئامال بار پارچە- پارچە تىلىپ قويۇلغان تاۋۇزنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. ئاشقازان- ئۈچەي ئىقتىدارى ئاجىزراق كىشىلەر تېخىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
تاۋۇز تىلغان پىچاق چوقۇم پاكىز بولۇشى كېرەك
تاۋۇز تىلغاندا ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس پىچاق ۋە ئەمبەل ئىشلىتىش كېرەك، ئامال بار كۆكتات، گۆش توغرىغان پىچاقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. تاۋۇزنى تىلىشتىن بۇرۇن، پىچاق ۋە ئەمبەلنىڭ باكتېرىيە بىلەن بۇلغىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن پىچاق ۋە ئەمبەلنى قايناقسۇ بىلەن قايتا- قايتا چايقىۋېتىپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر سېتىۋالغىنى پۈتۈن بىر تاۋۇز بولسا ھەمدە بىر قېتىمدىلا يەپ بولالمىسا، كۆپچىلىك پىچاق بىلەن تاۋۇزنىڭ ئوتتۇرىسىنى بويلاپ بىر سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا كېسىپ، ئاندىن تاۋۇزنى قول بىلەن ئوتتۇرىسىدىن ئىككىگە پارچىلىسا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تاۋۇز ئېتىنىڭ پىچاقتىن بۇلغىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. تاۋۇزنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە پارچىلىغاندىن كېيىن، تاۋۇزنى دەرھال يېڭى ساقلاش پەردىسى بىلەن ياخشى ئوراپ توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇش كېرەك.
نورمال ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق ساقلىماسلىق كېرەك
ياز پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، باكتېرىيە ۋە باشقا مىكرو ئورگانىزملار ئاسانلا كۆپىيىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى ئاسانلا ئۆزگىرىپ قالىدۇ. كۆپچىلىك ئەگەر بىر تاۋۇزنى يەپ بولالماي، نورمال ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدا ساقلىماقچى بولسا، ئامال بار تۆت سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا ئامال بار ئىككى سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك. بۇ ۋاقىتتا باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ. ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، باكتېرىيە زور مىقداردا كۆپىيىشكە باشلايدۇ.
سوغۇق ساقلاشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
ئەگەر توڭلاتقۇدا تاۋۇزنى ئايرىم ساقلايدىغان بوشلۇق بولۇپ، تەم ئۆتۈشۈپ كەتمەي، سۇ تەركىبى يوقاپ كەتمەيدىغان بولسا، يېڭى ساقلاش پەردىسى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تاۋۇزنى يېڭى ساقلاش پەردىسى بىلەن ئوراپ، گىرەلەشمە بۇلغىنىش ۋە تەم ئۆتۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەيلى يېڭى ساقلاش پەردىسى ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەن بولسۇن، سوغۇق ساقلاش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنىڭ يۈزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك
بىر كېچە تۇرۇپ قالغان تاۋۇزنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ بىر سانتىمېتىر كېلىدىغان قىسمى باكتېرىيە پەيدا بولىدىغان ۋە سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىدىغان قىسمى بولۇپ، يېيىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، باكتېرىيەدىن بۇلغىنىش خەۋپىنى ئازايتىش كېرەك. تاۋۇزنىڭ رەڭگى ۋە تەمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىغاندا، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ تاۋۇزنى يېمەسلىك كېرەك.
مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش ساغلاملىققا تېخىمۇ پايدىلىق
تاۋۇزنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى، سۇ تەركىبى يېتەرلىك، ئەگەر %8لىك قەنت مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، 1000 گىرام تاۋۇزدا 80 گىرام قەنت بولىدۇ، ئېنېرگىيە مىقدارى تەخمىنەن 300 كىلوكالورىيە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاۋۇزنى ئىستېمال قىلغاندا تويۇش سېزىمى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، كۆپچىلىك ئاسانلا كۆپ يەۋالىدۇ. ھەر كۈنى 200 - 350 گىرام تاۋۇز ئېتى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، شاپىقىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا توغرا كەلسە 350 - 650 گىرام بولسا بولىدۇ. تاۋۇزنىڭ قان شېكىرى ھاسىل قىلىش كۆرسەتكۈچى 72 بولۇپ، دىيابېت ئاغرىقلىرى ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدا ئىستېمال قىلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ، 200 گىرام تاۋۇزنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ، ھەر قېتىمدا 100 گىرام ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. نۇرغۇن ئادەم مۇزلاتقان تاۋۇز يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن چوقۇم ساقلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئاشقازان- ئۈچەي ئىقتىدارى ناچارلار، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئاغرىقلىرى ئامال بار يېمەسلىكى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: ساغلام جۇڭگو ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى