تۆت خىل ئىستېمال ئادىتى راك كېسىلىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن (4)

日期:2024年01月25日
来源:天山网
【字体:

 ئۈچەي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، جىگەر راكى قاتارلىق

ئادەمنى قورقۇتىدىغان بۇ راكلارغا گىرىپتار بولۇش

كىشىلەرنىڭ بەزى يېمەك- ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

بىز قانداق قىلغاندا راكتىن يىراق تۇرۇپ، تېنىمىزنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز؟

بۈگۈن بەش نۇقتىدىن بۇ توغرىلىق توختىلىپ ئۆتەيلى!

4

«چېكىش»كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆپكە راكى

سىز «تاماقتىن كېيىن چەككەن بىر تال تاماكىنىڭ ھۇزۇرى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن گەپنى ئاڭلىغانمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، نىكوتىن تېزلىكتە قانغا سۈمۈرۈلۈپ، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، كاللىنى يەڭگىل لەيلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.

 ئەمەلىيەتتە،تاماقتىن كېيىن بىر تال تاماكا چەككەننىڭ زىيىنى ئادەتتە ئون تال تاماكا چەككەندىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.چۈنكى بەدەن يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش بىلەن بىللە، تاماكا ئىسىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، سۈمۈرۈلىدىغان زىيانلىق ماددىلارمۇ كۆپىيىدۇ. نۆۋەتتە تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تاماكا تەركىبىدىكى ئېنىق زەھەرلىك ماددا 93 خىلغا، ئېنىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددا 78 خىلغا يېتىدىكەن.تاماكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك راك كېسىلىدىن كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ئۆپكە راكىدىن باشقا، يەنە دوۋساق راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، تۈز ئۈچەي راكى قاتارلىقلارمۇ بار.

راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بېرىدىغان تەكلىپ:

1. تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەيلا قالماستىن، ئادەتتىمۇ تاماكا چەكمەسلىك،تاماكىنى بالدۇراق تاشلاش؛

2.ئىسلىنىشمۇھىتىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

(داۋامى بار)