شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئەڭ يېڭى ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى!

日期:2024年02月10日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىشىئومۇمىي جەھەتتىن پەسىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن، يېقىنقى مەزگىلدە تارقىلىشچان زۇكامتارقىلىشىنىڭكۈچلۈكلۈك دەرىجىسى سەل ئاجىزلىغان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملىنىش1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان ئازراق ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، يەنىلا بىرقەدەر تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جېنگو مۇنداق ئەسكەرتتى: ئامما سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىغاندا شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، ئۆزساغلاملىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

گاۋ جېنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى، يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر كۆپىيىپ، كۆپ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش خەۋپ-خەتىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭتارقىلىشى A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامدىن ئېشىپ كېتىپ، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش تىپى بولۇپ قالدى، ئامما سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلىغاندا، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىگە ئالاقىدار مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىشى، كىشىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا بارغاندا ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا ۋاقتىدا ماسكا تاقىشى كېرەك؛ قولنى دائىم يۇيۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

ۋاكسىنا ئەملەش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى، ياشانغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاساسىي كېسىلى بار ئاغرىقلارقاتارلىق يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرى يۇقىرىنۇقتىلىقكىشىلەر توپىتارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ۋە XBB ئۆزگەرگەن تۈپ ئانتىگېن تەركىبى بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەملىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشى كېرەك.

«ھازىرقى باسقۇچتا، نورۇ ۋىرۇسى (ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى) بىلەن يۇقۇملىنىشمۇ بەلگىلىك دەرىجىدەكۆپىيىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، بولۇپمۇ يىغىلىش جەريانىدا، قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.»گاۋ جېنگو مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىشى، ئەگەر قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقى، ئۆزىنى ياخشى قوغداپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى