تىزنىڭ كاردىن چىقىشىنى تېزلىتىدىغان يەتتە ھەرىكەتنى بەلكىم سىز كۈندە داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىز! (2)

日期:2023年11月20日
来源:天山网
【字体:

بۈگۈنكى كۈندە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش نۇرغۇن كىشىنىڭ كۈندىلىك «زۆرۈر دەرسلىكى»گە ئايلىنىپ، نۇرغۇن تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئىچىدە يۈگۈرۈش تۈرى كىشىلەرنىڭ بەكرەك ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلدى، لېكىن بەزىلەر «يۈگۈرسە تىزنى زەخىملەندۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەت راستتىنلا شۇنداقمۇ؟

بۇ ھەرىكەتلەر تىزنى ئوڭاي زەخىملەندۈرىدۇ

1. ئۇزاق ئولتۇرۇۋېلىپ ھەرىكەت قىلماسلىق

بىر تۈرلۈك خەلقئارالىق نوپۇزلۇق تەتقىقاتتا ئىلگىرى كۆرسىتىلىشىچە: يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلارنىڭ بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %3.5 بولسا، ئۇزاق ئولتۇرۇۋېلىپ ھەرىكەت قىلمايدىغانلارنىڭ بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %10.2كە يېتىدىكەن! ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرغاندا بوغۇم كۆمۈرچىكى ئوزۇقلۇقىنى تەدرىجىي يوقىتىپ، «ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئۆلۈپ كېتىدىكەن». شۇڭا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندىلا، تىزىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. لېكىن ئالدىنقى شەرت − ئورۇنسىز زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى چوقۇم ئىلمىي بولۇشى كېرەككەن.

2. تاغقا يامىشىش، پەلەمپەيدىن مېڭىش

ياشانغانلار، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ۋە تىز بوغۇمى زەخىملەنگەنلەر ئەڭ ياخشىسى تاغقا ئاز يامىشىشى، پەلەمپەيدىن ئاز مېڭىشى كېرەك. ئەگەر تاغقا ياماشقاندا تىزى بىئارام بولسا، ياخشىسى يامىشىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

كىشىلەر تاغقا چىققاندا (پەلەمپەيدىن ماڭغاندا) بەدەن قىياپىتى توغرا بولمىسىمۇ تىزى ئوڭايلا زەخىملىنىدۇ، تىز ئۆز بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ئېغىرلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

تاغدىن (پەلەمپەيدىن) چۈشكەندە، تىز بەدەن ئېغىرلىقىدىن باشقا يەنە يەرنىڭ زەربە كۈچىگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، بۇ تىزنىڭ ئۇپراش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

شۇڭا دائىم تاغقا يامىشىش، پەلەمپەيدىن مېڭىشنى كۈندىلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتى قىلىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

ئەسكەرتىش: تىزى زەخىملەنگەن بولسا، بىناغا چىققاندا ساق پۇتىنى ئاۋۋال ئېلىپ مېڭىش، بىنادىن چۈشكەندە زەخىملەنگەن پۇتىنى ئاۋۋال ئېلىپ مېڭىش كېرەك.


3. ئارغامچا ئاتلاش

ئارغامچا ئاتلاشنىڭ تىز بوغۇمىغا كۆرسىتىدىغان خەۋپ- خەتىرى ئاساسلىقى ئارغامچا ئاتلىغان يەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئادەتتە ئولتۇراق رايونلاردىكى سېمونت يەر ئارغامچا ئاتلاپ پۇت يەرگە تەگكەندىكى زەربە كۈچىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتەلمەيدۇ، بۇنداق يەردە ئۇزاق ۋاقىت ئارغامچا ئاتلىغاندا تىز ئوڭاي زەخىملىنىدۇ.

ئارغامچا ئاتلىغاندا دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار:

1) پلاستىك ياتقۇزۇلغان يەرنى تاللاش ياكى سېمونت ياتقۇزۇلغان يەرگە پلاستىك سېلىنچا سېلىپ ئارغامچا ئاتلاش؛

2) ئارغامچا ئاتلىغاندا ئىككى پۇتنى يېقىن تۇتۇپ ئاتلاش، تىزنى بەك ئېگىۋېلىپ سەكرەشتىن ساقلىنىش؛

3) ئارغامچا ئاتلىغاندا پۇتنىڭ يەردىن كۆتۈرۈلگەن ئېگىزلىكى ئىككى سانتىمېتىردىن تۆت سانتىمېتىرغىچە بولۇش، ئارغامچىنىڭ پۇتنىڭ دەل ئاستىدىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛

4) ئارغامچىنى قولنىڭ بېغىشىدا كۈچەپ، بىلەكنى بەدەنگە يېقىن تۇتۇپ چۆگىلىتىش كېرەك.

4. ۋېلىسىپىت مىنىش قىياپىتى توغرا بولماسلىق

ئەگەر ۋېلىسىپىتنى بەك كۈچەپ مىنسە ياكى ۋېلىسىپىت خاتا قىياپەتتە مىنىدىغان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋالسا، تىزنىڭ سالامەتلىكىگە بەلگىلىك يوشۇرۇن خەۋپ كۆرسىتىدۇ.

ۋېلىسىپىت مىنىشتە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار:

1) ئىگەرنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشەشتە: تەپكۈنى ئەڭ تۆۋەنكى نۇقتىغا چۈشۈرگەندە، تىز بوغۇمى تەخمىنەن 170 گىرادۇس سەل ئېگىلىش؛

2) ۋېلىسىپىت مىنگەندە كۆكرەكنى كېرىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، تىز بوغۇمى بىلەن پۇتنىڭ ئۇچىنى ئالدىغا قارىتىش؛

3) تەكشى سۈرئەتتە مىنىش، ھەرگىز تۇيۇقسىز كۈچەپ سۈرئەتنى تېزلەتمەسلىك؛

4) يوتىدا كۈچەپ، تاپاننىڭ 1/3 قىسمى بىلەن تەپكىنى دەسسەش كېرەك.

5. ئادەتتە چىنىقىش ئادىتى يوق ئەھۋالدا، تۇيۇقسىز كۈچەپ چىنىقىش

ئادەتتە چىنىقىش ئادىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنى ئۇزاق ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئادەتتە پۇت مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچى يېتەرلىك بولمايدۇ، تۇيۇقسىز ئۇزاق ۋاقىت يول يۈرگەندە، ئوڭايلا تىز بوغۇمى ئورنىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەكلىپ: پىيادە ماڭغاندا ئىمكانقەدەر چوڭ قەدەم بىلەن مېڭىشتىن ساقلىنىش، ئالدى بىلەن ئالغان پۇتنى بەك يىراققا سوزۇۋەتمەسلىك، يوتا مۇسكۇلىنى چىڭ تارتىپ مېڭىشتىن ياكى تىزنى ئالدىغا ئېگىپ قەدەم ئېلىشتىن ساقلىنىش، ماڭغاندا بەدەن تەبىئىي، راھەت ھېس قىلىپ، مۇۋاپىق بولسىلا بولىدۇ.

6. باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇش

باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندا، تىز بوغۇمى ئېگىلگەن ھالەتتە تۇرىدۇ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ تۆۋەنگە چۈشكەن كۈچكە بەرداشلىق بېرىپ، ئىچكى- تاشقى تەرەپنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، تىز بوغۇمىنىڭمۇ شەكلى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

تەكلىپ: ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغاندا، ھەر قېتىمدا پەقەت بىر پۇتنى ئېگىپ، ئىمكانقەدەر تەبىئىي راھەت ئولتۇرۇش، پۇتنى كۈچەپ تۆۋەنگە باسماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تىز ئۇچرايدىغان زىياننى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

7. ئۇزاق زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش

زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھالىتى 90 گىرادۇستىن چوڭ بولغاندا، تىزنىڭ ئىچكى تەرەپ بوغۇمى بېسىلىپ، لېپەك ئىچكى تەرەپ ئۇپراپ كېتىدۇ.

تەكلىپ: ھاجەتخانىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئۈچ مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى