نۆۋەتتە كۆپ خىل نەپەس يولى كېسەللىكلىرى گىرەلىشىپ كەتتى، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى دۆلىتىمىزنىڭ قىش پەسلىدىكىنەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: دۆلىتىمىزدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان پەسىلگە كىردى، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش،تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك.