بېيجىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىقنى تەڭشەشنى ياخشى ئىشلەش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى

日期:2023年11月08日
来源:天山网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشتى، كۆپچىلىك جىددىي خىزمەت، ئۆگىنىشكە ئاتلاندى، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىقنى تەڭشەشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاشنى ئەسكەرتتى.

دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش لازىم، ئەگەر قىزىش، يۆتىلىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالسا ھەمدە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاشسا، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش، كېسەل كۆرسەتكەندە ماسكا تاقاش ھەمدە دوختۇرغا سىرتقا چىقىش تارىخىنى ئۇقتۇرۇپ، دوختۇرنىڭ دىئاگنوز قويۇشىغا ياردەم بېرىش لازىم، كېسەل تۇرۇپ ئىشقا بارماسلىق، مەكتەپكە بارماسلىق كېرەك.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بايرامدىن كېيىن يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەدرىجىي تەڭشەش، ماي ۋە تۇزنى ئاز يېيىش، يىرىك قارا ئاشلىق، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى، شۇنىڭدەك ئاقسىل ۋە ۋىتامىن مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك. يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، مېۋە-كۆكتاتلارنى خام يېگەندە چوقۇم پاكىز يۇيۇش، قول تازىلىقىنى ساقلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرىكەتنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، بايرامدىن كېيىن سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش لازىم، ئەمما مۇۋاپىق ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللاش، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش لازىم، زىيادە ھەرىكەت قىلىش ۋە زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئارام ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپتىكى مەشغۇلات قانۇنىيىتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تاللاپ، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىشى كېرەك. ئۇزۇن ۋاقىت ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى ئامال بار ئازايتىش، كېچىچە ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.