قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك بىلەن چىلاننى بىللە يېسە زەھەرلىنىپ قالامدۇ؟ ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق ...

日期:2023年11月13日
来源:天山网
【字体:

توردا «چىلان بىلەن راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىر بىرىنى چەتكە قاقىدۇ» دېگەندەك «قورقۇنچلۇق» قاراشلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، ئۇنداقتا چىلان بىلەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بىللە يېسە راستتىنلا زەھەرلىنىپ قالامدۇ؟

پايتەخت ساقلىقنى ساقلاش، ئوزۇقلۇق، مەززىلىك تائاملار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگودىكى رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گۇ چۈەنلىڭ «جۇڭگو ئىستېمالچىلار گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: چىلان بىلەن قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى بىللە يېيىشكە بولمايدۇ دېگەن تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەر ئەمەلىيەتتە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن مېۋە- چېۋىلەر بىر بىرىنى چەتكە قاقىدۇ دېگەن تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرنىڭ «كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى».

زەھەرلىكلىكىنى تەھلىل قىلىش مەسىلىسىنى «مىقدار» ئاساسىغا قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بىر نەچچە تال چىلان بىلەن بىر سىقىم قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكنى بىرلا ۋاقىتتا، ئىلگىرى- كېيىن يېگەندە ئەسلا زەھەرلىنىپ قالمايدۇ.

گۇ چۈەنلىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: تارقىلىپ يۈرگەن ئاتالمىش «ئىلمىي ئاساس» چىلاننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى ئارسېن بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مەرگىمۇش ھاسىل قىلىدۇ خالاس. ئەمەلىيەتتە، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىكى ئورگانىك ئارسېننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇقىم بولۇپ، ئاز مىقداردىكى ئانئورگانىك ئارسېن بەدەندە ناھايىتى تېزلا مېتابولىزملىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلار چىلان قاتارلىق مېۋىلەردىكى ۋىتامىن C بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئارسېن تىرىئوكسىد (يەنى ئادەتتە مەرگىمۇش دەپ ئاتىلىدۇ) ھاسىل قىلمايدۇ، شۇڭا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، چىلان بىلەن قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك قاتارلىق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى ئارسېن رېئاكسىيەلەشسىمۇ، مىقدارى قانچىلىك بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت. دېڭىز راكىنى مىسالغا ئالساق، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، ھەر كىلوگرام يېڭى راكنىڭ تەركىبىدىكى ئانئورگانىك ئارسېن مىقدارى 0.5 مىللىگىرامدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، يېڭى راكنىڭ ئانئورگانىك ئارسېن مىقدارى بۇ ئۆلچەمدىن بىر ھەسسە ئېشىپ، بىر كىلوگىرام تەركىبىدە بىر مىللىگىرامغا يەتكەن تەقدىردىمۇ، بىر قېتىمدا 10 كىلوگىرامدىن ئارتۇق راك يەپ، ئاندىن كۆپ مىقداردا ۋىتامىن C قوبۇل قىلغاندىلا، ئاندىن جىددىي زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، مىقدارىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، زەھەرلىنىشنى تىلغا ئېلىش پۈتۈنلەي ئادەمنى قورقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئوزۇقشۇناسلىق ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، «يېمەكلىكلەر بىر-بىرىنى چەتكە قاقىدۇ» دېگەن قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

2000- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە، جۇڭگو ئوزۇقلۇق جەمئىيىتى ئىلگىرىكى تەجرىبىلەر ئاساسىدا، يەنە بىر قىسىم تېخىمۇ قاتتىق بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدىغانلىقىنى دەلىللەش تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن، پىدائىيلار تارقىلىپ يۈرگەن بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدىغان 500 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىكنى بىر ھەپتە دەلىللەش تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە ھەممە نەرسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكى، ھېچقانداق ناچار تەسىرى يوقلۇقى مەلۇم بولغان.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەزىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل «بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدىغان يېمەكلىك»نى يېگەندە بىئارامسىزلىق ھېس قىلىدۇ؟

گۇ چۈەنلىڭنىڭ قارىشىچە، مەسىلە مۇنداق ئىككى جەھەتتە كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن:

1. بەلكىم يېمەكلىك ئۆزى پاكىز بولماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ تېمپېراتۇرا ۋە نەملىك بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ياز پەسلىدە باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.

2. بەلكىم ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتىدە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەلۇم بىر خىل يېمەكلىككە زىيادە سېزىمچانلىق ياكى ئاشقازان- ئۈچەي يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىقلار، مۇناسىۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن بەدەندە بىئارامسىزلىق پەيدا بولۇپ، خاتا ھالدا ئىككى خىل يېمەكلىك بىر- بىرىنى چەتكە قاقىدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن.