جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئەسكەرتمىسى

日期:2023年10月08日
来源:天山网
【字体:

ھەر يىلى 10-ئايدىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە بولغان مەزگىل نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل، مەكتەپ ۋە يەسلى ئاپپاراتى قاتارلىق ئادەم زىچ سورۇنلار نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆپ يۈزبېرىدىغان سورۇن ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، مەكتەپ قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم.

تۆۋەندىكى سىننىڭ كېلىش مەنبەسى:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرى

جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ھۆججەت تارقىتىپ شۇنى ئەسكەرتتىكى: نورو ۋىرۇسى RNA ۋىرۇسى بولۇپ، ئاسانلا ئۆزگىرىدۇ، ھەر نەچچە يىلدا يېڭى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى پەيدا بولۇپ، يەر شارى ياكى رايون خاراكتېرلىككەڭ تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى 12 سائەتتىن 72 سائەتكىچە، ئادەتتە 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە بولىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسلىقى كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قىزىش، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈش بولۇپ، قىسمەن ئاغرىقلاردا باش ئاغرىش، مۇزلاش ۋە مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بالىلاردا ئاساسلىقى قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، چوڭلاردا ئىچى سۈرۈش كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، چوڭ تەرىتى سۇيۇق ھالەتتە ياكى سۇدەك كېلىدۇ.

نورو ۋىرۇسلۇق ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ھازىرچە ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك دورا يوق. كۆپ ساندىكى ئاغرىقلاردا كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولىدۇ، داۋالاش ھاجەتسىز، ئىككى-ئۈچ كۈن ئارام ئالسىلا سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ، شېكەر، تۇز سۈيى ياكى سۇيۇقلۇق تولۇقلاش تۇزى ئىچىش ئارقىلىق قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈشتە سەرپ بولغان سۇ تەركىبىنى تولۇقلىسا بولىدۇ. جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: بوۋاقلار، بالىلار، ياشانغانلار، بولۇپمۇ ئاساسىي كېسىلى بار ياشانغانلاردا، ئەگەر كۆپ قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈش سەۋەبىدىن سۇسىزلىنىش قاتارلىق بىرقەدەر ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

​ئامما شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشى، قولنى پاكىز تۇتۇشى، يېمەك-ئىچمەك، ئىچىدىغان سۇ تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئاغرىق مىساللىرىنى ئىمكانقەدەر ئائىلىدە ئايرىپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش، مۇھىت تازىلىقى ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ماقالىنىڭ كېلىش مەنبەسى:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى

«تىيانشان تورى»ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى