ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: ھالەتنى مۇشۇنداق تەڭشىگەندە بايرامدىن كېيىنكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ

日期:2023年10月07日
来源:天山网
【字体:

​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى (مۇخبىريۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرسۇڭ نىڭخەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق كۆرسەتمىسىئېلان قىلدى، «ئىككىبايرام»لىق دەم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، ئامما قايتىش سەپىرى، ئىش ئورنىغا قايتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالماي، سەپەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىنى بالدۇرراق تەڭشەپ، خىزمەت، ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىشى كېرەك.

كۈز پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈزبېرىدىغان مەزگىل، ئامما قايتىش سەپىرىدە سەپەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، مۇۋاپىق پەيتتە كىيىم-كېچەكلەرنى قېلىن ياكى نېپىزلىتىپ كىيىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ماسكىنى ئىلمىي تاقاشى، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە جەينەك ياكى قەغەز بىلەن ئاغزىنى توسۇۋېلىشى، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىكى، ئېغىز-بۇرۇندىكى ئاجرالمىلارنى قەغەز بىلەن ئوراپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچىشى، ئەگەر بەدىنىدە بىنورمال كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ماسكا تاقاپ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.

دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىكەچ يېتىپ، ئورنىدىن ۋاقچە تۇرۇش، يىغىلىش، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، تىياتىر كۆرۈش، يان تېلېفون ئويناش قاتارلىقلار بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەڭشەشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، بايرامدىن كېيىنكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، نورمال بولغان خىزمەت ۋە ئۆگىنىش رىتىمىغا تېزدىن ماسلىشىش كېرەك.

ئالدى بىلەن، ئەسلىدىكى تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاڭلىق ھالدا خىزمەت، ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىش كېرەك، بۇ، ئارام ئېلىش، چېچىلاڭغۇ ھالەتتىن قۇتۇلۇشقا پايدىلىق. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى كۆرۈش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يەنە مۇزىكا ئاڭلاش، يوگا ئويناش، تىنچلىنىشقاتارلىق ئۇسۇللاربېسىم ۋە تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تولۇق تەڭشەشۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بەزى كىشىلەر ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىۋېلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، ئۈچ ۋاق تاماقنى قانۇنىيەتلىك يېيىش، ياغسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، ئاقسىل يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش بايرامدىن كېيىنكى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى بىئاراملىقنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىپ، بەدەننىڭ مېتابولىزمى ۋە قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، مەسىلەن:سەيلە قىلىش، سوزۇلۇش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىقلار بەدەننى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى