نېمە ئۈچۈن قورساق ئېچىپ «ئۆتۈپ كەتكەن»دىن كېيىن، قورساق ئاچمايدۇ؟

日期:2023年08月22日
来源:天山网
【字体:

تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر «قورسىقى ئېچىپ ئۆتۈپ كېتىش»نى باشتىن كەچۈرۈپباققان.قورسىقىڭىز بەك ئاچقاندا، ئىشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن تاماق يېيىشكە ۋاقتىڭىز چىقماي قالىدۇ، لېكىن بىكار بولغاندا قورسىقىڭىزنى ئاچمىغاندەك ھېس قىلىسىز.

سىز بۇ خىل ئەھۋالغا ئانچە پەرۋا قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن، ھەتتا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئورۇقلىۋالايچۇ دەپمۇ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، قورساقنى بەك ئاچۇرىۋېتىش، مۇسكۇل ۋە قان شېكىرىنى «تەكرار زەخمىلەندۈرۈش» ھېسابلىنىدۇ.

نېمە ئۈچۈن قورسىقىڭىز ئېچىپ ئۆتۈپ كەتسە، ئەكسىچە قورسىقىڭىزئاچمىغاندەك ھېس قىلىسىز، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى قان شېكىرى بولۇپ، قاندىكى شېكەرنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىتۆۋەنلىگەندە، قورسىقىڭىزنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

ئەگەر، بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىڭىز، ئورگانىزم ئۆزلۈكىدىن تەڭشىلىپ، جىگەر گىلىكوگېنىنى پارچىلاشقا باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا قان شېكىرى تەدرىجىي نورمال ھالىتىگە قايتىپ، ئاچلىق تۇيغۇسى يوقايدۇ، بۇنىڭ بىلەن «قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قورساق ئاچمىغاندەك» تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.

بۇ خىل مېخانىزىمنىڭ روشەن كەمچىلىكى بار: جىگەرگلىكوگېنىزاپىسىچەكلىك بولىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە شېكەرنىڭ غەيرىي ھاسىل بولۇشىنى پەيدا قىلىپ، مۇسكۇل ۋە ياغنى پارچىلاش ئارقىلىق قان شېكىرىنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلايدۇ.

«قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتسە» قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ سالامەتلىككە قانداق زىيىنى بار؟

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كېتىش بىزدىكى قان شېكىرىتۆۋەنلەپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئاچ قورساق ھالەتتىكى قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقى 2.8mmol/L، دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ قان شېكىرى قىممىتى3.9mmol/Lدىن تۆۋەن بولسا، بۇ، قان شېكىرىتۆۋەنلىكدەپ دىياگنوز قويۇشنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.

قان شېكىرى تۆۋەن بولۇشنىڭئاساسلىق ئىپادىسى سىمپاتىك نېرۋا غىدىقلىنىش ھالىتىدە بولىدىغان بولۇپ، دەككە-دۈككە بولۇش، قولى تىترەش، تەرلەش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قورساق ئېچىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئۆزى روشەن ھېس قىلالايدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر قان شېكىرىتۆۋەنبولۇشنىڭ ۋاقتىدائالدى ئېلىنمىسا، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن بەزىدە «قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتسە» ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىدۇ؟

بۇ قان شېكىرىتۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. چوڭ مېڭە قان شېكىرىنىڭ تۆۋەن بولۇشىغائالاھىدە سەزگۈر كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قورسىقىڭىز ئېچىپ بېشىڭىز قايغاندەك، كۆزىڭىز تورلاشقاندەك، كۆڭلىڭىز ئېلىشقاندەك ھېس قىلىسىز، ھەتتا توختىماي سوغۇق تەرلەيسىز.

«قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە»، ئاۋۋال نېمە يېيىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا تېز سۈرئەتتە ئېنېرگىيە تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟

«قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە»، قاتتىق، ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى قەتئىي يېيىشكە بولمايدۇ، بىز ئالدى بىلەن ئۇماچ، ئۈگرە، چۆچۈرە قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ، سەل ئەسلىمىزگە كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن گۈرۈچ، كۆكتات، گۆش تۈرىدىكىلەرنىيېسەك بولىدۇ.

قورساق ئاچقاندا، سۇ ئىچىپ قورساقنى ئەستەرلەشكە بولمايدۇ، گەرچە سۇ ئىچكەندە ئاشقازاندا كۆپكەندەك، تويغاندەك سېزىمبولسىمۇ، ئەمما بۇ سۇلار تېز ھەزىم بولۇپ كەتكەچكە، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا ئاشقازان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.

«قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كېتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە قانداق تەكلىپلەربار؟

«قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كېتىش»نىڭ تۈپ سەۋەبى يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى، ئۈچ ۋاق تاماق ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولمىغانلىقى. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاساسلىقى تاماقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، كاربون سۇ بىرىكمىسى، ياغ، ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تۆمۈر، سىنك، سېلېن، يود قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىن A، ۋىتامىن E، فولىك كىسلاتاسى قاتارلىق كۆپ خىل ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجلىق بولىمىز.

ئاھالىلەرنىڭ تەڭپۇڭ غىزالىنىش كۆرسەتمە خەرىتىسىگە ئاساسەن

بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تامىقىڭىزنىمۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ

جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تەڭپۇڭ غىزالىنىش كۆرسەتمە خەرىتىسى (2022)

يېتەكچى مۇتەخەسسىس:

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى) ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ياجىڭ