ئۈزۈم توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز

日期:2023年08月18日
来源:天山网
【字体:

ياز كۈنلىرى

ئىسسىقنىباسىدىغان مېۋىلەر ئىچىدە

ئۈزۈم ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ

ئىگىلىنىشىچە

بۇ يىل تۇرپاننىڭ

ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ 543 مىڭ 800 موغا يېتىدىغانلىقى

ھوسۇلىنىڭ 1 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغانلىقىمۆلچەرلەندى

تۇرپان ئۈزۈمىگە بولغان تونۇشىڭىز

پەقەت تەمىنىڭ يېيىشلىك بولۇشى بىلەنلا توختاپ قالمىسۇن

بۈگۈن سىزگە ئۈزۈم توغرىسىدا چۈشەنچە بېرەي

تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ تۈرى 560 خىلدىن ئاشىدۇ

ئاق كىشمىش، موناقى، سوسو ئۈزۈم قاتارلىقلار بار

ھازىرقى باسقۇچتا تۇرپان ئۈزۈمى ئەنئەنىۋى ئاق كىشىمىشنى ئاساس قىلىدۇ

ئۈچ خىل رەڭلىك ئۈزۈم ئاق، قېنىق سۆسۈن، قىزغۇچ قوڭۇردىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدە بولۇپ، رەڭگىگە قاراپلا ئادەمنىڭ «نەپىسى تاقىلدايدۇ». ئەڭ مۇھىمى پوستىنى سويماي، ئۇرۇقىنى ئالماي بىۋاسىتەيېسىڭىزلا بولىدۇ.

تۆۋەندە بۇ ئۈچ خىل ئۈزۈمنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز

ئاق كىشىمىش ئۈزۈم يەنە«ئۇرۇقسىز ئۈزۈم (无籽露)» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يازدا پىشىدىغان، كۈزدەپىشىدىغان ھۆل مېۋە سورتى بولۇپ، تەمى ئىنتايىن تاتلىق، سۈپىتى ياخشى، ھاراق ئېچىتىشقىمۇ بولىدۇ، تەركىبىدەيەنەئادەم بەدىنى ئاسان سۈمۈرەلەيدىغان فوسفور، تۆمۈر، كالتىسىي، ماگنىي، كالىي قاتارلىق مېنىرال ماددىلار ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنبار، ياشانغانلار، بالىلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدىغان ئېسىل كۈتۈنۈش مېۋىسىدۇر.

ھەقىقىي ئىسمى يالقۇنتاغ ئۇرۇقى يوق ئۈزۈمى بولۇپ، مېۋىسى توق قىزىل رەڭدە، رەڭگى تەكشى، دانىسى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەمما مېۋە ئېتى ئىنتايىن توق، شىرنىلىك، تاتلىق ھەمتەملىك، تەركىبىدە گىلوكوزا، فىرۇكتوزا، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىق ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار مول.

قېنىق سۆسۈن رەڭلىك تاشقى پوستى تېخىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ، ئوخشاش چوڭلۇقتا بولۇپ،تەركىبىدە سىئانىدىن ۋە فىلاۋونوئىد ۋە ۋىتامىن A ئىنتايىن مول.

ئەلۋەتتە

تۇرپان ئۈزۈمىنىڭيەنە نۇرغۇن سورتلىرى

تېتىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ

- تاتلىق، شىرنىلىك سايۋا ئۈزۈم -

- ئېتى يۇمشاق، تاتلىق خوتەن قىزىل ئۈزۈمى -

- تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن مول بولغان شۇنۈخۇڭ ئۈزۈمى -

ئۈزۈم شىرنىسىنىئىچىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى: شەربىتىنى چىقىرىش، ھاراق ئېچىتىش

بۇنداق بولغاندا، ئۈزۈمنىڭ تاتلىق، شىرنىلىك بولغان ئەسلىي ھالىتىنىئەڭزور دەرىجىدە ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ

بولۇپمۇ ھاراق قىلىپ ئېچىتقاندىنكېيىن

تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ

ئۈزۈم شىرنىسىنى مۇزدەك ۋە ئىچىشلىك قىلىشنىڭ ئۇسۇلى: مۇز قوشۇلغان ئۈزۈم شىرنىسى

ياز كۈنلىرى بىر ئىستاكان

كۈچلۈك مېۋە پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان

مۇز قوشۇلغان ئۈزۈم شىرنىسى ئىچىش

كىشىگە ئەڭ راھەتلىك ھېس قىلدۇرىدۇ

ئۈزۈمشىرنىسىنى ئەڭ ئىچىشلىك قىلىپئىچىشنىڭئۇسۇلى: ئېتى قېلىن ئۈزۈم قوشۇلغان ئەتكەن چاي ئىچىش

تاتلىق ئۈزۈمگە

سۈت ۋە چاي قوشۇپ ئەتكەن چاي قىلىپ

ئېتى قېلىن ئۈزۈمنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە

ناھايىتى ھۇزۇر ھېس قىلىسىز

ئۈزۈم ئۈزۈش ئاللىقاچان ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىغا ئايلانغان

ھازىر تۇرپانغا بارسىڭىز

ئۈزۈمنى باش تېما قىلىپ

ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا، ئۈزۈملۈك باغدا ناھايىتى گۈزەلسۈرەتلەرگە چۈشەلەيسىز

يەنە ئۈزۈم ھارىقى قورۇقىدا ۋە ئۆزگىچە ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردا قونۇشنى ھېس قىلالايسىز

ئۆزگىچە چۈنچە ۋە «ھاراق ئېچىتىش تۇڭلىرى»دىن چىققان پۇراق

ئۈزۈمنىڭ شېرىن تەمى بىلەن قوشۇلۇپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ

بىلەمسىز؟

2300 يىل بۇرۇن، تۇرپاندا ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن

1500 يىل بۇرۇن، بۇ يەردە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى بارلىققا كەلگەن

دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتەبايقالغان ئەڭ بۇرۇنئۆستۈرۈلگەنئۈزۈم ئەۋرىشكىسى

تۇرپاندىن قېزىۋېلىندى

تۇرپان شەھىرى بۇيلۇق مەنزىرەرايونىغا جايلاشقان

تۇرپان ئۈزۈمى مۇزېيىدا

ئۈزۈم دۇنياسىدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلار

ئۈزۈمنىڭ تارىخى، ئۈزۈمنىڭ تۈرلىرى، ئۈزۈمگە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار قاتارلىقلار بار

يەنە بىر تامئۈزۈم ئەۋرىشكىسى بار بولۇپ

ھەممىسىقىزىقىشىڭىزنى قوزغايدۇ

تۇرپان شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ، «ئۈزۈم يۇرتى» دەپ ئاتالغان، ئۈزۈم ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن %52.84نى ئىگىلەيدۇ، پۈتۈن جۇڭگونىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. سانجاق-سانجاق ئۈزۈملەر «ئۈزۈم +» كەسپىنىڭ تەرەققىيات سېپىنى شەكىللەندۈرگەن، بىرلا خىل تېرىقچىلىقتىن ھاراق ئېچىتىش، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگە يۈزلىنىپ، «كىچىك ئۈزۈم»مۇ «چوڭ كەسىپ»كە ئايلاندى.

بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ شەرق شامىلى بىلەن

ئۈرۈم ھارىقى قورۇقى ساياھەتچىلەرجەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندى

تۇرپاندىكى نۇرغۇن ھاراق ئىشلەپچىقىرىش قورۇقلىرى

تۇرپاندىكى قىزىقساياھەت تۈرى بولۇپ قالدى

تۇرپانغا كېلىپ

پەقەت ئۈزۈم يېسىڭىزلا بولمايدۇ

تۇرپاننىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى ھەرگىزمۇ قولدىن بېرىپ قويماڭ!

بىر كۈن ۋاقىت چىقىرىپ

تۇرپاننىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىڭ

قېنى، مەن بىلەن يۈرۈڭ!

ئاخىرىدا

سىزگە بىرنەچچە ساياھەت لىنىيەسىنى تونۇشتۇراي

ساقلىۋېلىپ خالىغاندا بارسىڭىز بولىدۇ!

01 تەتقىقات-ئۆگىنىش سەپىرى

D1: يارغول قەدىمىي شەھىرى− سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى ​− يالقۇنتاغ ​− بېزەكلىك مىڭئۆيى ​− يار باغچىسى ​(خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىدا قونۇش)

D2: تەيزاڭ مۇنارى − ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى − ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى − تۇيۇق

02 «فېڭگۇاڭ ديەنيىڭ»سەپىرى

D1: خوشەن قىزىل ھاراق قورۇقى − بۇيلۇق​− يالقۇنتاغ −يارغول قەدىمىي شەھىرى​− ئۈزۈم مەنزىرىسى كەچلىك بازىرى​− يىپەك يولى ياتاق بىناسى (خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىدا قونۇش)

D2: سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى − ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى − ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى−بېزەكلىك مىڭئۆيى

03 خەلق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت سىمفونىيەسىسەپىرى

D1: بۇيلۇق​− چىڭۋا كوچىسى ​− يالقۇنتاغ− قۇمتاغ قۇملۇقى− يۇلتۇزلۇق ئاسمان چېدىرى (خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىدا قونۇش)

D2: لوۋلەن ھاراقچىلىق قورۇقى− لوپنۇر تارىخىي مۇزېيى− ئۈچ كۆۋرۈك كەنتى−تۇيۇق

04 خاس مەززىلىك تائاملارسەپىرى

D1:يالقۇنتاغ ​−بېزەكلىك مىڭئۆيى−ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى− قاراغوجا يېزىسىدىكى توردا ئالقىشلانغان سېرىقئاش كاۋاپ− بۇيلۇق− چىڭۋا كوچىسى− باينىڭ چوڭ ھويلىسى(خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىدا قونۇش)

D2:يارغول قەدىمىي شەھىرى− ئىدىقۇت رايونى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى− سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى −ئايدىڭكۆل

05 ساغلاملىق-كۈتۈنۈشسەپىرى

D1:يارغول قەدىمىي شەھىرى​−خويۈنگۇ جىلغىسى − بۇيلۇقيالقۇنتاغ− كۇڭخوۋ سۇشيا ئائىلىۋى مېھمانخانىسى (خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىدا قونۇش)

D2:قۇمتاغ قۇملۇقى−لوپنۇر تارىخىي مۇزېيىلوۋلەن ھاراقچىلىق قورۇقى− تۇيۇق

ئولتۇرالماي قالدىڭىزمۇ؟

ئۇنداق بولسا يازنىڭ قۇيرۇقىنى چىڭ تۇتۇپ

تۇرپانغا بىرگە بارايلى!

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى