كۈتۈنۈش ئەسكەرتمىسى كەلدى! باش كۈزدىن كېيىن ساغلاملىق توغرىسىدىكى بۇ بىر قانچە خاتا قاراشتىن ساقلىنىڭ

日期:2023年08月18日
来源:天山网
【字体:

باش كۈز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇيدۇ، بۇ دەل نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسى ما جۈنچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭيى تېبابىتىنىڭ «ئەتىيازدا بىخلىنىپيازدا ئۆسۈش، كۈزدە يىغىپ قىشتا ساقلاش» نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، كۈز پەسلىدە كۈتۈنۈشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىقىشتىن ساغلام ئۆتۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، لېكىن كۈتۈنۈشتىكى بۇ خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

بىرىنچى خاتا قاراش: «ئەتىيازدا ئىسسىق، كۈزدە توڭلاپراقتۇرۇش»

«ئەتىيازدائىسسىق، كۈزدە توڭلاپراق تۇرغانداتەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق». بۇ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ماقال-تەمسىل، لېكىن ئادەمگە قاراپ پەرقلىنىدۇ، ياشانغانلار، بالىلار، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى ئاغرىقلىرى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى، ئاشقازان كېسىلى ئاغرىقلىرى «توڭلاپراق تۇرسا» بولمايدۇ، ساغلام كىشىلەرمۇ چوقۇم «توڭلاش»نىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ما جۈنچى مۇنداق دېدى: يازئاخىرى، كۈزنىڭ بېشىدا، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئەمما سوغۇق بولمىدى، بۇ ۋاقىت «كۈزدە توڭلاش»نىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى، سوغۇققا بەرداشلىق بېرىپ چېنىقىشقا ماس كېلىدۇ، ئورگانىزمنىڭ سوغۇق كىلىماتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەندە، ئورگانىزمنى تەبىئىي ھالدا قىشقا ئۆتكۈزۈپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

قارشىلىق كۈچى ئاجىزراق ياشانغانلار، بالىلار، ھەمدە كاناي ياللۇغى، زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلەر قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسىلى بار كىشىلەر تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، كىيىمنى مۇۋاپىق تەڭشەپ كىيىشى كېرەك، لېكىن بەك بالدۇر قېلىن كىيىنىۋالماي، مۇۋاپىق كىيىنسىلا بولىدۇ.

ئىككىنچى خاتا قاراش: «كۈزدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش»

«كۈزدە ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش» قىشتىن ئۆتۈش، سوغۇقتىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ھازىرقى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىغا ماس كەلمەيدۇ، قالايمىقان «تولۇقلىغان»دا ئىش ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ.

ما جۈنچى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى قەدىمكىلەرگە ئوخشىمايدۇ، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك بىزنىڭ يېتەرلىك ماي، ئاقسىل ۋە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن سېمىزلەر ماي گۆش، تاتلىق، تەمى كۈچلۈك، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك، «كۈزدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش»قا بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئورۇقلاشتا بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنرەك بولغانلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياكى تال ۋە ئاشقازاننى تەڭشىگەندىن كېيىن مۇۋاپىق قۇۋۋەت تولۇقلاش كېرەك. بولۇپمۇ ياشانغانلار، يۇقىرى قان بېسىمى، ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى بار كىشىلەر «كۈزدە ئۇزۇقلۇق تولۇقلاش»قا ماس كەلمەيدۇ.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: كۆپلەپ قۇۋۋەت تولۇقلاش

مۇۋاپىق قۇۋۋەت تولۇقلاش سالامەتلىككە پايدىلىق، لېكىن قالايمىقان قۇۋۋەت تولۇقلاشقا بولمايدۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنىئايرىماسلىققا بولمايدۇ، دورىنى يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، دورا ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىك ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاشقا يەتمەيدۇ.

ما جۈنچى مۇنداق دېدى: «قۇۋۋەت دورىسىنى كۆپ يېيىش، كېسەل بولسا داۋالىنىپ، كېسەل بولمىغاندابەدەننى كۈچلەندۈرۈش» ئىلمىي ئەمەس. مەسىلەن، ئادەمگىياھ، مۈڭگۈز تۈرىدىكى قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، قورساق كۆپىدۇ، تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ؛ ۋىتامىن Cنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كۈز پەسلىدە مۇۋاپىق قۇۋۋەت تولۇقلاش بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ تەننى ساغلام قىلىدۇ، لېكىن قۇۋۋەت تولۇقلاشتا قالايمىقان قۇۋۋەت تولۇقلاشقا بولمايدۇ، دىققەت قىلىش كېرەككى، كېسەل بولمىسا قۇۋۋەت تولۇقلاشقا ۋە ھەققىي ئەھۋالنىئايرىماي قالايمىقان قۇۋۋەت تولۇقلاشقا بولمايدۇ. جۇڭيى تېبابىتىنىڭداۋالاش پىرىنسىپى ئاجىزلارغا قۇۋۋەت تولۇقلاشتىن ئىبارەت،ئاجىزلىق كېسىلى بارلارقۇۋۋەت دورىسى ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.

تۆتىنچى خاتا قاراش:قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش

«كۈزدىكى قۇرغاقچىلىق»قا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاددىي، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە «سۇ ئىچىش». ئەمما، پەقەت قايناقسۇ ئىچسىلا ياخشى بولمايدۇ، كۆپ مىقداردىكى قايناقسۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، بەدەندىكى ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

قەدىمكى دەۋردىكى رېتسېپتا«ئەتىگەندە تۇز سۈيى ئىچىش، كەچتە ھەسەل سۈيى ئىچىش» دېيىلگەن. كۈندۈزى سۇستۇز سۈيى ئىچسە، بەدەندىكى سۇ ئاسانلىقچە ئېقىپ كەتمەيدۇ ھەمدە بەدەندىكى تۇز تەركىبىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ؛ كەچتە ھەسەل سۈيى ئىچسە ئۆپكىنى سىلىقلاپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

«كۈزدىكى قۇرغاقچىلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەكتە سىلىق، مۆتىدىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، مەسىلەن، كۈنجۈت، ياڭاق، نومى گۈرۈچى قاتارلىقلار. يەنە ئاچچىق، چۈچۈمەل، تاتلىق ياكى ئۆپكە گازىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى، مەسىلەن، ئاق لوبۇ، سەۋزە قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 24 سېلسىيە گىرادۇستىن 29 سېلسىيە گىرادۇسقىچەبولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سۈرتۈپ تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش كېرەك.

بەشىنچى خاتا قاراش: كۆپھەرىكەت قىلىش

كۈز پەسلىدە ئادەم بەدىنىدىكى قۇۋۋەت يىغىلىپ ئىچكى جەھەتتىن قۇۋۋەتلەش باسقۇچىدا تۇرىدۇ، كۆپ مىقداردا ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ، ھەرىكەت مىقدارى ئازدىن كۆپىيىشكە قاراپتەدرىجىي ئىلگىرىلىشى كېرەك. چېنىققاندا بەدەن ئازراق قىزىش، ئازراق تەرلەش، چېنىققاندىن كېيىن راھەت ھېس قىلىش ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

جىسمانىي كۈچ سەرپىياتى زىيادە كۆپ بولغان تەنھەرىكەت تۈرلىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا سۇ ئۈزۈش، تەيجى گۇمپىسى، بادۇەنجىنقاتارلىق يېنىكرەك ھەرىكەتلەرنى تاللاش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەندە، كەچتە چېنىقىشنى تاللاش كېرەك. ھەرىكەتتىن ئىلگىرى 10~5مىنۇت بەدەننى قىزىتىش ھەرىكىتى قىلىش، ھەرىكەتتىن كېيىنمۇ بىر نەچچە مىنۇت بوشاشتۇرۇش ھەرىكىتى قىلىش كېرەك. (دىڭ ۋېن)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى