شوخلا يېيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، سەۋەبى بۇ يەردە (1)

日期:2023年08月18日
来源:天山网
【字体:

شوخلا تۇخۇم قورۇمىسى، شوخلا كالا پەش گۆشى دۈملىمىسى، شوخلا سوغۇق سېيى ... تاماق ئەتكەندە دائىم شوخلىدىن ئايرىلالمايمىز، قورۇما قورۇغاندا ئازراق شوخلىنى توغراپ تاشلىۋەتسەك، قورۇمىلارنىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ. ئەگەر ئالدىراشچىلىقتا قورۇما قورۇشقا ئۈلگۈرەلمىسەك، شوخلىنى بىۋاسىتە خام يېسەكمۇ، ئاددىي، تېز قورساق تويغۇزغىلى بولىدۇ، تەمى چۈچۈمەل، تەملىك.

ئىستېمال قىلىشقا قولاي بولۇش، كىشىلەرنىڭ شوخلىنى ياقتۇرۇپ يېيىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشتىن باشقا، بەزىلەر يەنە شوخلىدا ۋىتامىن C مول، كۆپ ئىستېمال قىلسا تېرىنى ئاقارتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھەتتا توردا يەنە بەزىلەر «ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يەپ بەرسە، يەتتە كۈندە تېرىسى ئاقىرىپ نۇرلىنىدۇ»، «ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يەپ بەرسە، بىر ياز تېرە ئاق تۇرىدۇ» دەپ قارىماقتا ...... راست شۇنداقمۇ؟ شوخلا راستتىنلا مۇشۇنداق «سىرلىق»مۇ؟

1

ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يەپ بەرسە، راستتىنلا تېرىسى ئاقىرامدۇ؟

جاۋابى بەلكىم سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. گەرچە شوخلىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى يېسە تېرىنى ئاقارتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

بىرىنچىدىن، شوخلىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، 100 گىرامدا پەقەت 14 مىللىگىرام ۋىتامىن C بولۇپ، بۇ مىقدارى كۈزلۈك بەسەينىڭ %37 گە توغرا كېلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ۋىتامىن C تىروزىنازانىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلاپ، تىروزىننىڭ قارا پىگمېنتقا ئايلىنىشىنى توسسىمۇ، لېكىن بۇ ئاساسلىقى سىرتتىن ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قارىتىلغان، نۆۋەتتە يېمەكلىك ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان ۋىتامىن Cنىڭمۇ تېرىنى ئاقارتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق.

شۇڭا ياز پەسلىدە تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈپ ئاقارتىش ئۈچۈن ئاساسلىقى ئاپتاپتىن ساقلىنىش كېرەك. لېكىن، شوخلىنى يەنىلا يېيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەڭ ياخشىسى شوخلا قىيامى ياساپ ئىستېمال قىلغاندا، لىكوپېننىڭ سۈمۈرۈلۈپ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇنى يەپ تېرىنى ئاقارتىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى تەتقىقاتلاردا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا شوخلا قىيامى يېگەندە، ئاياللار تېرىسىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، تېرىنى ئاسرايدۇ».

ئۇنىڭدىن باشقا، گەرچە شوخلىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يەپ بەرسەك، بىزنى %14تىن %28كىچە ۋىتامىن C بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى شوخلىنى بىۋاسىتە خام يېگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا قورۇما قورۇغاندا ۋىتامىن Cنىڭ خوراپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

بازاردا، يەنە ۋىتامىن C مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان شوخلا سورتلىرى بار، كۆپچىلىك تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ، مەسىلەن، شوخلىچاقتىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، 100 گىرامدا ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى 34.17 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. يېتەرلىك ۋىتامىن C قوبۇل قىلىش بىزنىڭ نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمىزنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.

شۇڭا، ھەر كۈنى بىر تال شوخلا يېسىڭىز، گەرچە «يەتتە كۈندە تېرىڭىزنى ئاقارتىپ نۇرلۇق» قىلالمىسىمۇ، لېكىن سالامەتلىككە ئويلاپ باقمىغان باشقا پايدىسى بار.

2

شوخلىنىڭ ئوزۇقلۇق جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە ساغلاملىققا بولغان پايدىسى

شوخلىنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىدا ئۇنىڭدا ۋىتامىن Cدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدا قانداق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار؟

1. مىنېرال ماددا كالىي: شوخلىدىكى مىنېرال ماددا كالىينىڭ مىقدارى خېلى كۆپ بولۇپ، 100 گىرامدا 179 مىللىگىرام كالىي بولىدۇ. ئۇ، يۇقىرى كالىيلىق تۆۋەن ناترىيلىق يېمەكلىككە تەۋە، قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا ناھايىتى ياردىمى بار.

بىراق، شوخلا يېيىش بىلەن قان بېسىمى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا، جۇڭشەن داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىلگىرى بىر پارچە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئېلان قىلغان. بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە: شوخلىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىلەن يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئوتتۇرىسىدا J شەكىللىك مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇپ، ھەر كۈنى 10گىرامدىن 13 گىرامغىچە شوخلا يېگەندە، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ مىقدار ھەر ھەپتىدە بىر دانە ئادەتتىكى چوڭلۇقتىكى شوخلا ئىستېمال قىلىشقا باراۋەر ئىكەن. بەك كۆپ شوخلا ئىستېمال قىلىشنىڭ قان بېسىمىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى سەۋەبىگە كەلسەك، تەتقىقاتتا تەھلىل قىلىنىشىچە، ئۇ شوخلا تەركىبىدىكى پىدىگەن ئىشقارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

سۈرەتنى ئاپتور تەمىنلىگەن

ئەگەر قان بېسىمى بەك يۇقىرى بولسا، ھەر ھەپتىدە بىر تال شوخلا يېيىش كېرەككەن. ئەگەر بەدەن ساغلام بولسا، قان بېسىمى جەھەتتە مەسىلە بولمىسا، كونترول قىلىپ ھەر ھەپتىدە بىر تال يېمىسىمۇ بولىدىكەن، ھەر كۈنى بىر تال يېسىمۇ مەسىلە كۆرۈلمەيدىكەن، يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا دىققەت قىلىپ، كۆپ تەرەپتىن يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەككەن.

2. كاروتىن: شوخلىدىكى كاروتىننىڭ مىقدارى 100 گىرامدا 375 مىكروگىرام بولىدۇ، بۇ مىقدار كۈزلۈك بەسەينىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل تەركىب بىزنىڭ كۆز ۋە تېرە ساغلاملىقىمىزغا ناھايىتى پايدىلىق.

3. لىكوپېن: لىكوپېن كاروتىننىڭ بىر خىلى، بۇ خىل تەركىب ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بەدەندىكى ئارتۇق ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، ئادەمنىڭ ياشلىق ھالىتىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ؛ يەنە بەدىنىمىزنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئورگانىزمنىڭ ئوكسىدلىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، نورمال ئىممۇنىتېت كۈچىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ؛ يەنە يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، قان زەردابىدىكى ئومۇمىي خولېستېرىن ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىن (ناچار خولېستېرىن)نى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە تەتقىقاتلاردا تىلغا ئېلىنغان قان زەردابىدىكى لىكوپېننىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ئۆرلىشى كوللاگېن فېرمېنتى N - تېلوپېپتىد (سۆڭەك سۈمۈرۈشنىڭ بەلگە ماددىسى) بىلەن مەنپىي باغلىنىشلىق بولۇپ، ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مۇھىمى، شوخلىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ھەقىقەتەن تۆۋەن بولۇپ، بىۋاسىتە بىر تال يېگەندە ئاران 15تىن 30غىچە كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، تويۇش سېزىمى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىشتىھانى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، ئورۇقلاۋاتقان دوستلارغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.

(داۋامى بار)