دانىخورەك لازا يېگەنلىكتىن چىقامدۇ؟ سىز ئىزچىل ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدىڭىز!

日期:2023年08月15日
来源:天山网
【字体:

بۈگۈن بىز ئاچچىق يېيىش توغرىسىدا پاراڭلىشايلى. لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىز ئاۋۋال دانىخورەك چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلەپ باقايلى. تېرىگە دانىخورەك چىقىش ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىر ئىش، سىقىۋەتمىسە ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ، سىقىۋەتسە ئاسانلا تاتۇق قالىدۇ، قانداقلا قىلسا گۈزەللىكىگە زور زىيان يەتكۈزىدۇ. سىز تاماق ئۈستىلىدە «يېقىندا يۈزۈمنى دانىخورەك بېسىپ كەتتى، ئاچچىق يېسەم بولمايدۇ، يېسەم يەنە چىقىدۇ» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇ چاغدا كۆڭلىڭىزدە مۇنداق سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن: ئاچچىق يېسە نېمە ئۈچۈن دانىخورەك چىقىدۇ؟ ئاچچىق يېيىش بىلەن دانىخورەك چىقىش ئارىسىدا زادى باغلىنىش بارمۇ يوق؟

ئەمەلىيەتتە، ئاچچىق يېيىش بىلەن دانىخورەك چىقىش ئارىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش يوق، ئەكسىچە بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، لازا تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن دانىخورەكنى داۋالاشقا پايدىلىق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 2019- يىللىق «جۇڭگو دانىخورەكنى داۋالاش قوللانمىسى»دىمۇ ئاچچىق يېمىگەندە دانىخورەك چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەت مۇنداق دېيىلگەن: قەنت تەركىبى يۇقىرى ۋە مايلىق غىزالىنىشنى ھەم سۈت مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ قايماقسىز سۈتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش، بەدەن ئېغىرلىقىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش، قانۇنىيەتلىك خىزمەت قىلىش ۋە دەم ئېلىش، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش ھەم زىيادە ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنىڭ دانىخورەك چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا ياردىمى بار.

سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، سىز يەنە «ئۇنداقتا نېمىشقا ھەر قېتىم ئاچچىق نەرسىلەرنى يەپ بولغاندىن كېيىن، يۈزۈمگە دانىخورەك چىقىدۇ؟» دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاچچىق يېگەندە ئەسلىدە ئانچە ئېنىق بولمىغان دانىخورەك «ئاچچىق»نىڭ غىدىقلىشى بىلەن تېخىمۇ قىزىرىپ، تېخىمۇ روشەن كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئويلاپ بېقىڭ، بىز بىلىدىغان ئاشۇ ئاچچىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قىزىل مايلىق خوگو، لازا توخۇ گۆشى قورۇمىسى قاتارلىق ئاچچىق يېمەكلىكلەرگە ھەمىشە شېكەر، مايلىق كۆپ سېلىنىدۇ. مۇشۇ بارلىق ئامىللارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشى تېرىگە دانىخورەك چىقىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا، كېلەر قېتىم دانىخورەك چىقىپ قالسا لازىغا دۆڭگەپ قويماڭ، مايلىق، قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ، قانۇنىيەتلىك خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشلا دانىخورەك چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا.