چىنىنى قايناق سۇدا چايقىۋېتىشنىڭ پايدىسى بارمۇ؟

日期:2023年08月10日
来源:天山网
【字体:

نۇرغۇن كىشى سىرتتا تاماق يېگەندە، دائىم چىنە- چوكىلارنى قايناق سۇدا چايقىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنى دېزىنفېكسىيە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئادەت پۈتۈن مەملىكەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ گۇاڭدۇڭ رايونىدا نۇرغۇن سودىگەر سۇ قاچىلانغان قاچا تەييارلاپ قويىدۇ. بۈگۈن بىز قاچىنى قايناق سۇدا چايقاپ مىكروب ئۆلتۈرىدىغان بۇنداق ھەرىكەتنىڭ زادى كارغا كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر: سالمونېللا باكتېرىيەسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، قوشۇمچە قان ئېرىتكۈچى يايسىمان باكتېرىيە، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، لىستېرىيە باكتېرىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياشاش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ باكتېرىيەلەر تەبىئەت دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆزى ياكى ئۇ پەيدا قىلغان زەھەرلىك ماددىلار ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ.

  لېكىن، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ ياشاش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بايا بىز تىلغا ئالغان لىستېرىيە باكتېرىيەسى 60 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا 20 مىنۇت ياكى 70 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا سىجىل بەش مىنۇت تۇرسا ئاندىن ئۆلىدۇ. ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ئۈچەي زەھىرى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنداق ماددا ئاسانلا يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ماددىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنى 100 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا سىجىل 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت قويۇش كېرەك.

بايا بىز تىلغا ئالغان بۇ باكتېرىيەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھاسىلاتلىرىدىن باشقا، كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاز دېگەندە 100 سېلسىيە گىرادۇسلۇق مۇھىتتا بەش مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن تەلتۆكۈس ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما، چىنىنى قايناق سۇ چايقىغاندا تېمپېراتۇرا، ۋاقىت ھەمىشە تەلەپنى قاندۇرالمايدۇ.

شۇڭا، قايناق سۇدا چايقىۋېتىش، ئەمەلىيەتتە چىنىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، بىز سىرتتا تاماق يېگەندە يەنىلا يېمەكلىك تازىلىقى ئىجازەتنامىسى بار يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تاللىشىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەتنىڭ ئاشخانا تازىلىق ئەھۋالىنىڭ ھەرىكەتچان دەرىجىسى ۋە يىللىق دەرىجىسىنى باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ ئاشخانىنى تاللىشىمىز كېرەك. چىنىنى قايناق سۇدا چايقىۋېتىشكە كەلسەك، بۇنى تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە مۇراسىم تۇيغۇسى دەپ بىلىڭ.