ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى ئەسكەرتمە ئېلان قىلدى: يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەردىن ھوشيار بولۇپ، ياۋا زەھەرلىك موگۇنى بىلمەي يەپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ

日期:2023年08月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىريۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ تيەن) 8- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى دائىم كۆرۈلىدىغان يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئەسكەرتىش چىقىرىپ، ئاممىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، تونۇمايدىغان ياۋا موگۇلارنى ئىستېمال قىلماسلىق، كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر يېمەكلىكتىكى ھەر خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى فاكتورلارنىڭ ئوزۇقلىنىشتىن ئادەم بەدىنىگە كىرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى فاكتور ناھايىتى كۆپ بولۇپ، مىكرو جانلىقلار، زەھەرلىك ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ۋە بەزى زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى يېمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۈنشيا مۇنداق ئەسكەرتتى: ھەر يىلى 7- ئايدىن 9- ئايغىچە ئاممىۋى خاراكتېرلىك يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل، رېستوران، ئاشخانا قاتارلىق كوللېكتىپ تاماق يەيدىغان ئورۇنلار ۋە ئائىلىلەر ھەممىسى تازىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ۋاڭ يۈنشيا مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپچىلىك يېمەكلىك سېتىۋالغاندا چوقۇم يېڭىسىنى تاللىشى، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ۋاقتىدا توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىشى، يېمەكلىكنى ئېلىشتىن بۇرۇن ۋە يېمەكلىك تەييارلىماقچى بولغاندا قولىنى يۇيۇشى كېرەك. ئاشخانا ۋە قاچا- قۇچىلارنى قەرەللىك تازىلاپ ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈپ، خام گۆش، ئۆي قۇشلىرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى باشقا يېمەكلىكلەردىن ئايرىۋېتىشى كېرەك. خام يېمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەخسۇس ئۈسكۈنە ۋە سايمانلارنى ئىشلىتىشى، خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزئارا تېگىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

ھازىر يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلار كۆپەيدى، كۆپچىلىك سىرتتا تاماق يېگەندە ساغلام ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىشى، ئىمكانقەدەر خام، سوغۇق، يېرىم خام دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى يېمەسلىكى كېرەك. ھاۋا ئىسسىق، ھۆل- يېغىن كۆپ بولغان ياز پەسلى ياۋا موگۇنىڭ بولۇشىغا ئۆسىدىغان مەزگىلى، شۇنداقلا زەھەرلىك ياۋا موگۇنى بىلمەي يەپ قېلىش كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل.

ۋاڭ يۈنشيانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، زەھەرلىك موگۇنى بىلمەي يەپ قېلىشنى داۋالايدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى ئېغىر، كېسىلى جىددىي، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن. نۆۋەتتە تېخى زەھەرلىك موگۇنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى يوق بولۇپ، زەھەرلىك موگۇنى بىلمەي يەپ قېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ياۋا موگۇنى ئۈزمەسلىك، سېتىۋالماسلىق، ئىستېمال قىلماسلىق ئىكەن. بازاردا سېتىلىۋاتقان ياۋا موگۇلارغا، بولۇپمۇ يەپ باقمىغان ياكى تونۇمايدىغان ياۋا موگۇلارغا نىسبەتەن ھوشيارلىقنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.